«رەسۇلۇللاھ تېلفون ئىشلەتمىگەن» دېگۈچىگە رەددىيە


ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن
بىزگە قۇرئاننى ۋە سۈننەتنى نازىل قىلغان، بىزنى ئىسلام ۋە ئىمان نېئمىتى بىلەن شەرەپلەندۈرگە ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالاغا ھەمدىلەر بولسۇن. ئۆزىگە نازىل قىلىنغان قۇرئان ۋە سۈننەتنى ئۈممەتكە يەتكۈزۈش يولىدا ئەسلى ۋەسلىنى پىدا قىلغان پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە سالات ۋە سالاملار بولسۇن. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا، ساھابىلىرىگە ۋە قىيامەتكىچە تەۋھىد سۈننەت ئۈستىدە رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابىلەرگە ئەگىشىپ ماڭغان بارچە مۆمىنلەرگە ئاللاھنىڭ رازىلىقى، رەھمىتى ۋە مەغفىرىتى ياغسۇن.

مۇندەرىجە
* كىرىش سۆز
* رەسۇلۇللاھنىڭ بىدئەتتىن ئاگاھلاندۇرۇشى ۋە ئىسلام ئۈممىتىنىڭ يەتمىش ئىككى بىدئەت پىرقىگە بۆلۈنۈپ كېتىشى
* رەسۇلۇللاھنىڭ ۋە ساھابىلەرنىڭ يولىغا تەلپۈنمەسلىك بىدئەتچىلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
* بىدئەت دىنىي ئىبادەتلەردە بولىدۇ
* دىنىي ئىبادەتلەر ئارىلاشقان ئىشنى ئۆرپ-ئادەت دەۋېلىش دىننى بۇرمىلىغانلىق
* ئاللاھ قۇرئاندا «ئاللاھنىڭ ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋالماڭلار» دەپ بۇيرۇق قىلدى
* ساھابىلەرنىڭ رەسۇلۇللاھ قىلمىغان ئىشنى قەتئىي قىلمايدىغانلىقى، كىم دىندا رەسۇلۇللاھ قىلمىغان ئىشنى قىلسا، ساھابىلەرنىڭ قاتتىق قارشى چىقىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۈچ ھەدىس

كىرىش سۆز
بىر قېرىندىشىمىز قىزىنى مەلۇم بىر ئايالغا دىنىي تەلىم-تەربىيە ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلىققا بېرىپتۇ. ئۇ ئايال سورۇنلاردا بىر بىدئەت ئەمەلنى قىپتۇ ۋە ئۇنىڭغا قارشى ئىنكاسلارغا قارشى سورۇنلاردا ئۇ بىدئەتنى ئاقلاپ ۋەز-نەسىھەتتە بولۇپتۇ. قېرىندىشىمىز بۇ سەۋەبلىك، «بىدئەتنى توغرا كۆرىدىغان ئايال كىشىگە قىزىمنى ئوقۇغۇچىلىققا بەرمەيمەن، بولمىسا قىزىمنى ئۆزىگە ئوخشاش تەربىيىلەپ چىقىدۇ» دېگەن ئويدا قىزىنى ئۇ ئايالنىڭ يېنىغا چىقىشتىن توختىتىپ قويۇپتۇ. ئايال بۇ قىز شاگىرتنىڭ يېنىغا چىقمىغانلىقى ئۈچۈن قىزدىن ئاتا-ئانىسىنىڭ نېمىشقا ئۇنى يېنىغا چىقارمىغىنىنى سورىغۇزۇپتۇ. ئۇ قېرىندىشىمىز ئۆزىنىڭ چەتئەلگە دىنىنى تەۋھىد سۈننەتكە ئۇيغۇن ھالدا ياشاش ئۈچۈن ئائىلىسىنى ئېلىپ ھىجرەت قىلىپ چىققانلىقىنى ئېيتىپ، رەسۇلۇللاھ دىندا قىلمىغان ئىشنى باشقا بىرىنىڭ قىلسا بىدئەت بولىدىغانلىقىنى، قىزىنىڭ ساغلام ئەھلى سۈننەت ئۇستاز ئوقۇشىنى خالىغانلىقى ئۈچۈن، قىزىنى يېنىغا چىقارمىغىنىنى بايان قىپتۇ. ئايال بۇنىڭغا قارىتا شۇنداق ئۇچۇر ئەۋەتىپتۇ:«بىدئەت ئىبادەتتە بولىدۇ، ئۆرپ-ئادەتتە ئەمەس. ھەممە ئىشنى ئىبادەت قىسىمىغا ئەكىرىپ بىدئەت دېيىش تەكفىرچىلىككە ئېلىپ بارىدۇ. رەسۇلۇللاھ تېلفون ئىشلەتمىگەن، ئېنتىرنېت ئىشلەتمىگەن، ئايروپىلانغا چىقمىغان ... سىز شۇلارنىمۇ بىدئەت دەمسىز؟»
بىز بۇ ماقالىمىزدە بۇ ئايالنىڭ يۇقارقى گېپىگە دەلىللىك رەددىيە بېرىمىز، ۋە بۇ ئارقىلىق ھەقنىڭ ئۈستۈن بولۇشىنى، باتىلنىڭ شۈمشىيىپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ياردەم ئاللاھتىندۇر.
ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ بىدئەتنىڭ خەتىرى توغرىسىدا چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشى ماقالە تېمىسىنى يارقىن يورۇتۇپ بېرىش ئۈچۈن باش تېمىغا كىرىشتىن ئاۋۋال، تۆۋەندىكى ئىككى كىچىك ماۋزۇ ئاستىدا بەزى مۇھىم چۈشەنچىلەرنى قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتىمىز، ئاندىن باش تېمىغا كىرىمىز.






رەسۇلۇللاھنىڭ بىدئەتتىن ئاگاھلاندۇرۇشى ۋە ئىسلام ئۈممىتىنىڭ يەتمىش ئىككى بىدئەت پىرقىگە بۆلۈنۈپ كېتىشى
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھەر جۈمە نامىزىنىڭ خۇتبىسىدە دائىملا «ئىشلارنىڭ ئەڭ يامىنى دىندا يېڭىدىن پەيدا بولغان ئىشلاردۇر. دىندا يېڭىدىن پەيدا بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىدئەتتۇر. بىدئەتنىڭ ھەممىسى ئازغۇنلۇقتۇر، ھەممە ئازغۇنلۇقنىڭ جايى دوزاختا بولىدۇ» دەپ خۇتبە ئوقۇغان.(بۇ ھەقتىكى ھەدىس مۇسلىم 868، ئەبۇ داۋۇد 2954، نەسائى 1962، ئىبنى ماجە 45 ۋە باشقا ھەدىس كىتابلىرىدا مەۋجۇت بولۇپ، بۇ ھەر خىل سەنەد بىلەن نەقىل قىلىنغان سەھىھ ھەدىستۇر.) پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ھەر جۈمەدە قالدۇرماستىن بۇ خۇتبىنى ئوقۇشى ھەرگىزمۇ سەۋەبسىز ئەمەس. چۈنكى، يەھۇدىي ۋە خىرىستىئانلارنىڭ دىنى ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە پەيغەمبەرلىرىنىڭ سۈننىتىگە خىلاپ گەپ-سۆز ۋە ئىش ھەرىكەتلەردە بولۇش، دىندا يوق ئەقىدە-ئىبادەتلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ بىدئەت پەيدا قىلىش بىلەن بۇزۇلۇپ كەتكەن ئىدى. ئىسلام ئۈممىتىمۇ دەل ئاللاھ نازىل قىلمىغاننى دىنغا قوشۇپ بىدئەت پەيدا قىلىش بىلەن ھەقتىن بۇرۇلۇپ، دىن بۇزۇلاتتى. شۇ سەۋەبلىك، رەسۇلۇللاھ ھەر جۈمە كۈنى خۇتبىسىنىڭ بېشىدا ئۈممىتىگە بىدئەتتىن قاتتىق ھەزەر قىلىشنى، ئۆزىنىڭ سۈننىتىگە ۋە راشىد خەلىپىلىرىنىڭ سۈننىتىگە مەھكەم ئېسىلىشنى بۇيرۇيتتى. بىر قېتىم، ساھابىلىرىگە بامدات نامىزىنى ئوقۇپ بېرىپ قىلغان تەلىملىرىنىڭ ئارىسىدا مۇنۇ سۆزىمۇ بار ئىدى: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىمكى مەندىن كېيىن ياشىسا نۇرغۇن ئىختىلاپلارنى كۆرىدۇ. سىلەر مېنىڭ سۈننىتىمگە ۋە ھىدايەت ئۈستىدىكى راشىد خەلىپىلىرىمنىڭ سۈننىتىگە مەھكەم ئېسىلىڭلار. بۇ سۈننەتلەرنى ئېزىق چىشىڭلار بىلەن مەھكەم چىشلەڭلار. دىندا يېڭىدىن پەيدا بولغان ئىشلاردىن قاتتىق ھەزەر قىلىڭلار. چۈنكى، دىندا يېڭىدىن پەيدا بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىدئەتتۇر.»(ئەبۇ داۋۇد 4607؛ تىرمىزى 2676؛ ئىبنى ماجە 42؛ مۇسنەد ئەھمەد 17142)
ئىسلام شەرىئىتىگە بىدئەت ئەقىدىلەر ۋە ئەمەللەر قوشۇلۇپ قالغان تەقدىردە، ئۈممەت ئارىسىدىكى بۇ بىدئەتلەر بىلەن شۇغۇللانغۇچى كىشىلەر يەھۇدىي، خىرىستىئانلارنىڭ يولىغا ئەگىشىپ كەتكەن ھېسابلىناتتى. بارچە مۇسۇلمانلار ھەر نامىزىمىزدا سۈرە فاتىھەدە «(ئى رەببىم) بىزنى غەزىپىڭە يولۇققانلارنىڭ ۋە ئازغۇنلارنىڭ يولىغا باشلىمىغىن» دەپ كۈنىگە نەچچە ئون قېتىم بۇ سۈرىنى ئوقۇپ، ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىمىز. (پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ بۇ ئايەتتىكى ئاللاھنىڭ غەزىپىگە يولۇققانلارنىڭ يەھۇدىيلار، ئازغانلارنىڭ خىرىستىئانلار ئىكەنلىنى بايان قىلغانلىقى توغرۇلۇق سەھىھ ھەدىس كەلگەن.) ئاندىن مۇسۇلمانلارنىڭ نۇرغۇنى بىدئەت ئەمەلنى قىلىپ، يەھۇدىي ۋە خىرىستىئانلارنىڭ يولىغا ماڭىدۇ. ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرىغان ۋە ئازغۇنلارنىڭ پېشىۋاسى بولغان يەھۇدىي ۋە خىرىستىئانلارنىڭ يولىغا مېڭىپ كېتىشتىنمۇ چوڭ ئازغۇنلۇق يوقلۇقى ھەقىقەت بولغاچقا، رەسۇلۇللاھ ئۈممەتنى بىدئەتتىن قاتتىق ئاگاھلاندۇرغان. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، بۇ ئۈممەت ئارىسىدا ساھابىلەر ھايات ۋاقتىدىلا بىدئەتلەر پەيدا بولۇشقا باشلىدى. ئىراقتىن چىققان تەقدىر ئىنكارچىلىرى، خاۋارىجلار ۋە شىئەلەردىن ئىبارەت بۇ ئۈچ تائىپە ساھابىلەر ھايات ۋاقتىدا ئوتتۇرىغا چىققان بىدئەتچى تائىپىلەر جۈملىسىدىندۇر. كېيىنكى چاغلاردا مۇئتەزىلە، مۇرجىي، تەسەۋۋۇپ-سوپىزىم بىدئەتچىلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى. ئاندىن ئەشئەرىي ۋە ماترۇدىي بىدئەتچىلىكى ... يېقىنقى زاماندا بولسا ھىزبۇت تەھرىر قاتارلىق بىدئەت ئېقىملار ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ بىدئەتچى تائىپىلەر تونۇشتۇرۇلغان ماقالە بولمىغانلىقى ئۈچۈن، بىدئەت مەزھەپ-پىرقىلەر ھەققىدە بۇ يەردە تەپسىلىي توختىلىش مۇۋاپىق ئەمەس، ئەلۋەتتە.
سۆزىمىز رەسۇلۇللاھ ئۈممەتنى ھەر جۈمە كۈنى خۇتبىدە ۋە باشقا كۆپلىگەن ئورۇنلاردا بىدئەتتىن قاتتىق توسۇپ، ئۇنىڭ خەتىرىدىن ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، بۇ ئۈممەتتىن بىدئەتچى تائىپىلەر كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىققانلىقى ئۈستىدە كېتىۋاتىدۇ. ئۈممىتى ئارىسىدىن ئازغۇن-بىدئەتچى پىرقىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقى توغرۇلۇقمۇ ئاللاھ رەسۇلۇللاھقا ۋەھىي نازىل قىلغان بولۇپ. بۇ ھەقتە رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن ئىدى:«يەھۇدىيلار يەتمىش بىر پىرقىگە، ناسارالار يەتمىش ئىككى پىرقىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن. چوقۇمكى، مېنىڭ ئۈممىتىم يەتمىش ئۈچ پىرقىگە بۆلۈنىدۇ. ئۇلارنىڭ بىر پىرقىسىلا جەننەتتە، قالغىنى دوزاختا بولىدۇ. ئۈممىتىمدىن جەننەتكە كىرىدىغان بىر پىرقە مېنىڭ ۋە ساھابىلىرىمنىڭ يولىدا ماڭغان كىشىلەردۇر.»(بۇ ئىمام ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى، ئىبنى ماجە، ھاكىم قاتارلىق ھەدىس ئىماملىرى توپلىغان سەھىھ ھەدىستۇر.)
بۇ ئۈممەتنىڭ يەتمىش ئۈچ پىرقىگە بۆلۈنۈپ، ئۇلاردىن يەتمىش ئىككى پىرقىنىڭ ئازغۇنلۇق ئۈستىدە بولۇشىنىڭ سەۋەبى، بۇ ئازغۇن بىدئەتچى پىرقىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ ۋەھىيسى بولغان قۇرئان ۋە سۈننەتنى تاشلاپ نەپسى خاھىشىغا ئەگەشكەنلىكىدىندۇر. بۇ ئازغۇن پىرقىلەرنىڭ ھەممىسى ــ مۆمىنلەرنىڭ يولىغا قارشى ھالدا ـــ ئايەت ۋە ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسىگە تولۇق ئەمەل قىلىشنى تاشلاپ، ئۆز نەپسى خاھىشىغا ماس كەلگەن بىر قانچە ئايەت ھەدىسلەرنىلا تۇتقۇ قىلىۋېلىپ، شۇ ئايەت ھەدىسلەرنى بۇرمىلاپ چۈشىنىپ ھەم چۈشەندۈرۈپ، شۇ بويىچە ياشىغان. نەتىجىدە، قۇرئان ۋە سۈننەتكە تولۇق ئەمەل قىلماستىن، نەپسى خاھىشىنى ھاكىم قىلىپ، بەزى ئايەت ھەدىسلەرگىلا ئەمەل قىلىپ، باشقا كۆپلىگەن ئايەت ۋە ھەدىسلەرنى بىر ياققا چۆرۈپ تاشلىغان. شۇنداق قىلىپ، بۇ بىدئەتچى پىرقىلەر ئاللاھنىڭ شەرىئىتىدە مەۋجۇت بولغان ئەمەل ئىبادەتلەرنىڭ بەزىلىرىنى ياكى كۆپچىلىكىنى ئىنكار قىلغان؛ ياكى ئاللاھنىڭ شەرىئىتىدە بولمىغان بىر تۈركۈم ئەقىدە ۋە ئەمەللەرنى دىنغا قوشۇۋالغان. بىدئەتچىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ قەلبى بۇزۇق، نىيىتى ئالا، ھەققە ئۆزىنى توغرىلاشنى خالىمايدىغان، ئەكسىچە ھەقنى ئۆز نەپسى خاھىشىغا توغرىلاش يولىنى تۇتقان كىشىلەر بولغاچقا، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بىدئەتچىلەر توغرۇلۇق قاتتىق ئېغىر تەھدىتلەرنى بايان قىلغان. بۇ ئېغىر تەھدىتلەردىن بىرى رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنۇ سۆزىدۇر:«كىمكى دىندا بىدئەت پەيدا قىلسا، ياكى بىدئەتچىنى قانات ئاستىغا ئالسا، ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ، پەرىشتىلەرنىڭ ۋە جىمى (مۆمىن) ئىنسانلارنىڭ لەنىتى ياغىدۇ. ئۇنىڭ ھېچبىر پەرز ۋە نەپلە ئىبادىتى قوبۇل بولمايدۇ.»(بۇخارى 3179؛ ئەبۇ داۋۇد 2036؛ ئىبنى ھىببان 3717)
ئۈستىدە رەسۇلۇللاھنىڭ دىنغا قوشۇلغان بارچە ئىشلارنىڭ بىدئەت ھېسابلىنىدىغانلىقى، بىدئەت دېگەن ئىشلارنىڭ ئەڭ يامىنى ئىكەنلىكى، بارلىق بىدئەتچى دوزاختا بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ھەدىسنى بايان قىلىپ ئۆتكەن ئىدۇق. ئۇ ھەدىسنى يۇقارقى ھەدىس بىلەن بىرلەشتۈرۈپ چۈشەنگەن تەقدىردىمۇ، رەسۇلۇللاھ «ئىشلارنىڭ ئەڭ يامىنى» دەپ خەۋەر بەرگەن بىدئەت ئەمەل بىلەن شۇغۇللانغۇچىنىڭ تاكى بىدئىتىدىن تولۇق يانمىغۇچىلىك ھېچبىر ئەمىلىنىڭ قوبۇل قىلىنماسلىقى، بۇنى ئاز دەپ دوزاخ ئوتىدا كۆيىدىغانلىقى ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنى ئۆزگەرتكەن بارلىق بىدئەتچىلەرگە بېرىلگەن ئەڭ ئادىل جازا ئىكەنلىكى بەرھەق.

رەسۇلۇللاھنىڭ ۋە ساھابىلەرنىڭ يولىغا تەلپۈنمەسلىك بىدئەتچىلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
بىدئەتنىڭ خەتىرى بەك چوڭ، بالايى ئاپىتى مىسلىسىز، دىنغا ۋە دۇنيالىققا سالىدىغان زىيىنى مۆلچەرلىگۈسىز بولۇشىغا قارىماي، بىر تۈركۈم مۇسۇلمانلار «بىدئەت» نىڭ گۇناھىنى بەك كىچىك ساناش سەۋەبلىكلا، رەسۇلۇللاھ دوزاختا دەپ خەۋەر قىلغان بىدئەتچىلەر تائىپىسىگە قوشۇلۇپ كېتىش خەۋىپىگە دۇچ كېلىدۇ. جۈملىدىن، رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابىلەرنىڭ يولىغا تەلپۈنمەسلىك بىدئەتچىلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، كىشىنى بىدئەتتىن قاچمايدىغان، بىدئەتكە سەل قارايدىغان قىلىپ قويىدۇ.
بىدئەتتىن قاچماسلىقنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئىككى بولۇپ. بىرىنجىسى، دىنىي ئىلىم ئۆگەنمەسلىك. بۇ ھەقتە رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن:«دىنىي ئىلىم ئۆگىنىش ھەر-بىر مۇسۇلمانغا پەرزدۇر»(ئىبنى ماجە 220-ھەدىس؛ مۇھەددىس ئەلبانى سەھىھ دېگەن) بەندە دىندا پەرز بولغان بىر ئىشنى بەجا كەلتۈرمىسە، دۇنيادىلا ئۇنىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ. پەرز بولغان دىنىي ئىلىمنى ئۆگەنمىگەن مۇسۇلمانلار ئەڭ ئاۋۋال بىدئەت بىلەن سۈننەتنى، تەۋھىد بىلەن شېرىكنى ئايرىيالمايدۇ-دە، ھەق بىلەن باتىل ئارىسىدا تېڭىرقاپ يۈرىشىدۇ. ئۆزىگە پەرز بولغان دىنىي ئىلىمنى ــ ھىدايەت يولىنى ئۆگەنمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئاللاھ ئۇلارنى پەيغەمبىرى ۋە ساھابىلەرنىڭ يولىدىن ئايرىۋېتىپ، دوزاخ يولىغا قويۇپ بېرىدۇ. ئىككىنجى، ئازغۇن موللا-يولباشچىلارغا ئەگىشىش. بۇ ھەقتە رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن:«ئۈممىتىم ئۈچۈن ئەڭ قورقىدىغىنىم ئازغۇن يولباشچىلاردۇر.»(ئەلبانى سەھىھ جامىدا نەقىل قىلغان سەھىھ ھەدىس) بىدئەتتىن قاچمايدىغانلارنىڭ ھەر-بىرى بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا بىر ئازغۇن يولباشچىنى ئۆزىگە پىر تۇتقان بولۇپ، ئۇلار پەرز بولغان دىنىي ئىلىمنىڭ يادروسى بولغان تەۋھىد ئىلىمىنى قېتىرقىنىپ ئۆگەنمەسلىك بىلەن بىرگە، بىرەر موللىنى، بىرەر كاسكىنى، ھەتتا بىرەر مۇناپىقنى ئۆزىنىڭ يولباشچىسى قىلىۋېلىپ، ئۇلاردىن پەتىۋا ئېلىپ، ھەققە قارشى ئات سالغان. رەسۇلۇللاھ قورققان كىشىلەرنى ئۆزىگە باشچى قىلىۋېلىپ، شۇلارنىڭ كەينىدىن ماڭغانلار ئەلۋەتتە رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابىلەرنىڭ يولىدىن ئايرىلىپ، دوزاخقا كىىرىدىغان تائىپىلەرگە قوشۇلۇپ كېتىشى شەكسىز. شۇنداق قىلىپ ئۇلار، ئازغۇن يەتمىش ئىككى پىرقىنىڭ قاتارىدىن، ھېچبىر پەرز ۋە نەپلە ئىبادىتى قوبۇل بولمايدىغانلار سېپىدىن ئورۇن ئالغان. بۇنىڭ سەۋەبى ئۇلار بىدئەت ئەمەلنى قىلغانلىقى، بىدئەتنى تەشۋىق قىلغانلىقى، تەۋھىد-سۈننەت دەئۋىتىنى تۆۋەن كۆرۈپ، كۆزگە ئىلمىغانلىقى ئۈچۈندۇر.
ئازغۇنلۇققا چۈشۈپ قېلىشتىن ساقلانمىغان مۇسۇلماننى ئاللاھ ئازغۇنلۇق يولىغا قويۇپ بېرىدۇ. ئاللاھ پەقەت «ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى قانداق كۆرسەتمە بەلگىلىگەن بولسا، ھەق نەدە بولسا مەنمۇ شۇ يەردە بولىمەن» دېگەن ئەقىدە قەلبىگە چىن دىلىدىن ئورناشقان مۇۋەھھىد مۇسۇلمانلارنىلا پەيغەمبىرىنىڭ ساھابىلەرنىڭ يولىغا باشلايدۇ. بەندىنىڭ قەلبىدە ھەققە تەلپۈنۈش ئىستىكى قانچە يۇقىرى بولسا، ئۇ بەندىنىڭ يولى شۇنچە توغرا، ئەمىلى شۇنچە سالىھ بولىدۇ. ھەققە تەلپۈنۈشى تايىنى يوق مۇسۇلمانلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ۋە ساھابىلىرىنى، سەلەپ-سالىھىننى تاشلاپ، ئۆز تىپىدىكى تايىنى يوق كىشىلەرگە ئەگىشىدۇ. ئەقىللىق بەندە، رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابىلەرنىڭ يولىنى بارچە يوللارنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، ئۇنىڭدىن ئېزىپ كەتمەسلىككە تىرىشىدۇ. ئاللاھ بارچىمىزنى دىنىي ئىلىمنى ئۆگىنىش ئارقىلىق تەۋھىد سۈننەتتە مۇستەھكەم تۇرغان مۆمىن مۇسۇلمانلاردىن قىلسۇن.

بىدئەت دىندا بولىدۇ
بىدئەتنىڭ سۆز مەنىسى: يېڭىدىن پەيدا بولغان نەرسىدۇر. شەرىئەتتە، بىدئەت ـــ ئاللاھ ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم دىندا بەلگىلىمىگەن، كېيىنكىلەر ياخشى ئىش دەپ دىنغا قوشۇۋالغان، دىندا يېڭىدىن پەيدا بولغان بارچە ئىشلارنى كۆرسىتىدۇ. رەسۇلۇللاھنىڭ «ئىشلارنىڭ ئەڭ يامىنى دىندا يېڭىدىن پەيدا بولغان ئىشلاردۇر» دېگەن ھەدىسىمۇ، ئوپئوچۇق رەۋىشتە بىدئەتلەرنىڭ دۇنياۋىي ئىشلاردا ئەمەس، دىنىي ئىشلاردا بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا.
ئىمام مۇسلىم نەقىل قىلغان بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«دۇنيالىق ئىشلىرىڭلارنى سىلەر ياخشى بىلىسىلەر.» (مۇسلىم 4358) پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىمكى بىزنىڭ بۇ ئىشىمىزدا (يەنى دىنىمىزدا) بولمىغان بىر ئىشنى پەيدا قىلسا، ئۇ ئىش رەت قىلىنىدۇ.»(بۇخارى 2697: مۇسلىم 1718؛ ئەبۇ داۋۇد 4606: ئىبنى ماجە 14: مۇسنەد ئەھمەد 6445) ئىمام ئىبنى ھەجەر ھەدىستىكى «ئىشىمىزدا» كەلىمىسىنى «دىنىمىزدا» دەپ شەرھلىگەن. (فەتھۇل بارى، بۇخارى 2697-ھەدىسنىڭ شەرھى) باشقا ئىلىم ئەھلىلىرىمۇ بۇ ھەدىسنى بىردەك ھالدا «دىنىمىزدا بىز قىلمىغان ئىشنى پەيدا قىلغۇچىنىڭ ئۇ ئىشى رەت قىلىنىدۇ، چەكلىنىدۇ» مەنىسىدە چۈشەنگەن.
بۇ ھەدىسلەردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئاللاھنىڭ رەسۇلى ھارام قىلىپ بەلگىلەپ، قاتتىق ئاگاھلاندۇرغان بىدئەت دىندىكى بىدئەتلەرنى (دىندا رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابىلەردىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان ئىشلارنى) كۆرسىتىدۇ. ھەرگىزمۇ دۇنيادا يېڭىدىن چىققان ئىشلارنى كۆرسەتمەيدۇ.
مەسىلەن: رەسۇلۇللاھ پەرز نامازدىن كېيىن ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلمىغان؛ تاماقتىن كېيىنمۇ، پەتىلەپ كىرگەندىمۇ ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلمىغان؛ قەبرە بېشىدا قۇرئان تىلاۋىتى قىلمىغان؛ نامازنىڭ نىيىتى تىلىدا ئېيتمىغان... بىراۋ بۇ ئىشلارنى قىلسا بىدئەت سادىر قىلىپ گۇناھى كەبىرە ئىشلىگەن بولىدۇ. بۇلاردىن قايسى بىر ئەمەلنىڭ بىدئەت ئىكەنلىكى، ياكى بىز تىلغا ئالمىغان باشقا بىدئەت ئەمەللەردىن بىرى بايان قىلىنسا، بىدئەتنى رەسۇلۇللاھ بۇيرۇغاندەك رەت قىلمايدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ناھايىتى كۆرەڭ ھالدا «بۇنى رەسۇلۇللاھ قىلمىغان، بىدئەت دېسىڭىز، ئۇنداقتا رەسۇلۇللاھ ماشىنا ھەيدىمىگەن، تېلفون ئىشلەتمىگەن، بىنا ئۆيدە ئولتۇرمىغان... ئەمىسە بۇلارمۇ بىدئەتمۇ؟» دېيىشىدۇ. يۇقارقى ئايالنىڭ «رەسۇلۇللاھ تېلفون ئىشلەتمىگەن، ئېنتىرنېت ئىشلەتمىگەن، ئايروپىلانغا چىقمىغان ... سىز شۇلارنىمۇ بىدئەت دەمسىز؟» دەپ سوئال قويىشىمۇ دەل مۇشۇ تۈردىن.
 بۇ سۆزنى قىلغۇچى ئېنىقلا بىدئەت نېمە، سۈننەت نېمە چۈشەنمىگەن جاھىل مۇسۇلماندۇر. ھەتتا، بۇ سۆز سۆزنى جاھاندا بىر ئەللامە سانىغان خېلى بىر قىسىم موللىلارنىڭ ئاغزىدىنمۇ ئاڭلايمىز.
تېلفون، ئېنتىرنېت، كومپيوتېر، ئايروپىلان، ماشىنا، موتسېكلىت ... قاتارلىق بۇيۇملارنىڭ ھەممىسى دۇنياۋىيلىق ئۈچۈن كەشىپ قىلىنغان بۇيۇملار. بۇنى ئەقلى ئەڭ زور دەرىجىدە بۇلغىنىپ كەتكەن ئىنسانمۇ دىنىي بۇيۇم دېمەيدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق، ھېلىقى ئايالنىڭ نۇقتىئىنەزىرى بويىچە دۇنياۋىيلىق ئۈچۈن كەشىپ قىلىنغان پەن-تېخنىكا بويۇملىرىنى ۋە تەرەققىياتنىڭ نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان جىسىملارنى دىندىكى بىدئەتلەرنىڭ قاتارىغا قوشماقچى بولۇشى بەكمۇ كۈلكلىك، يەنە بىر جەھەتتىن تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش. بۇ بۇيۇملارنى ھارام يوللارغا سەرپ قىلمىغانلا مۇددەتتە، خالىغانچە ئىشلىتىش دۇرۇس. چۈنكى، ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىدە بىرەر دۇنياۋىي بويۇمنى ئىشلىتىشنى چەكلەيدىغان ھېچبىر دەلىل يوق. ئەمما، ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىدە رەسۇلۇللاھقا ئاسىيلىق قىلىپ بىدئەت پەيدا قىلىشنى ئەڭ كۆپ چەكلەنگەن ئىشلار جۈملىسىدىندۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھەر جۈمە نامىزىنىڭ خۇتبىسىدە دائىملا «ئىشلارنىڭ ئەڭ يامىنى دىندا يېڭىدىن پەيدا بولغان ئىشلاردۇر. دىندا يېڭىدىن پەيدا بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىدئەتتۇر. بىدئەتنىڭ ھەممىسى ئازغۇنلۇقتۇر، ھەممە ئازغۇنلۇقنىڭ جايى دوزاختا بولىدۇ» دەپ خۇتبە ئوقۇغان.(بۇ ھەقتىكى ھەدىس مۇسلىم 868، ئەبۇ داۋۇد 2954، نەسائى 1962، ئىبنى ماجە 45 ۋە باشقا ھەدىس كىتابلىرىدا مەۋجۇت بولۇپ، بۇ ھەر خىل سەنەد بىلەن نەقىل قىلىنغان سەھىھ ھەدىستۇر.) پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىمكى مەندىن كېيىن ياشىسا نۇرغۇن ئىختىلاپلارنى كۆرىدۇ. سىلەر مېنىڭ سۈننىتىمگە ۋە ھىدايەت ئۈستىدىكى راشىد خەلىپىلىرىمنىڭ سۈننىتىگە مەھكەم ئېسىلىڭلار. بۇ سۈننەتلەرنى ئېزىق چىشىڭلار بىلەن مەھكەم چىشلەڭلار. دىندا يېڭىدىن پەيدا بولغان ئىشلاردىن قاتتىق ھەزەر قىلىڭلار. چۈنكى، دىندا يېڭىدىن پەيدا بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىدئەتتۇر.»(ئەبۇ داۋۇد 4607؛ تىرمىزى 2676؛ ئىبنى ماجە 42؛ مۇسنەد ئەھمەد 17142)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم چەكلىگەن دۇنياۋىي ئىشلار بولسا ئۇنىڭدىن يىراق تۇرىشىمىز پەرز. مەسىلەن، رەسۇلۇللاھ چەكلىگەن بەزى دۇنياۋىي ئىشلار مۇنۇلار: رەسۇلۇللاھ تولۇق پىشمىغان مېۋىلەرنى (شېخىدا توختىتىپ) سېتىشتىن چەكلىگەن.(بۇخارى 488، 1486) رەسۇلۇللاھ (سەپەردىن قايتقان كىشىنىڭ) كېچىدە ئائىلىسىگە كېلىشىنى چەكلىگەن.(بۇخارى 1801)(بۇنىڭ سەۋەبى: خوتۇن بالىنى بىسەرەمجان قىلىپ جاپادا قويىدۇ. يولدىشى يىراقتىكى مۆمىن ئايال ئۆي ئىشلىرى ۋە بالا-چاقا بىلەن بولۇپ يولدىشى بار چاغدىكىگە قارىغاندا ئۆزىنى تۈزەشتۈرمەي قالىدۇ. بولۇپمۇ، يولدىشى كېچىدە سىرتتىن كەلگەن ئۈستى بېشى ئېگىز پەس، ئۇيقۇ ھالىتىدە بولىدۇ. ئادەتتە ئايالنىڭ ئېرىگە ئەڭ گۈزەل شەكىلدە كۆرۈنۈشى پەزىلەتلىك ئەمەل بولغاچقا، ئايال كىشى ئېرىگە بولۇمسىز بىر قىياپەتتە كۆرۈنسە، ئېرى ئۇنىڭدىن ئاز-تولا بولسىمۇ كۆڭلى سوۋۇق قېلىش مۇمكىنچىلىكى بولىدۇ. بۇ ھال ئەر ئايال مۇناسىۋىتىنىڭ يىرىكلىشىشىگە سەۋەبچى بولىدۇ. شۇڭا، رەسۇلۇللاھ كېچىدە ئۆيگە كېلىشنى چەكلىگەن. ئالىملار، ئەر تېلفون ياكى تور ئالاقىسى ئارقىلىق كېچىدە مانچىدە بارىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلىپ قويغان تەقدىردە كېچىسى كەلسە دۇرۇس دەپ پەتىۋا بەرگەن، بۇ توغرا پەتىۋا.) رەسۇلۇللاھ ئۇچىسىنى بىرلا يېپىنچا بىلەن ئورىۋالغان كىشىنىڭ سۆڭگىچىنى يەرگە قويۇپ، ئىككى تىزىنى قۇچاقلاپ ئولتۇرۇشىنى چەكلىگەن.(1991) رەسۇلۇللاھ قان ئېلىپ تاپقان تاپاۋەتنى چەكلىگەن.(بۇخارى 208) رەسۇلۇللاھنىڭ بۇنداق دۇنياۋىي چەكلىمىلىرى بىر نەچچە يۈز ئەتراپىدا بولۇپ، بۇنىڭدىن سىرتقى ئىشلاردا تامامەن كەڭچىلىك بار. ئاللاھ ياكى رەسۇلۇللاھ بەندىلىرىنىڭ تېلفون، كومپيۇتېر، ماشىنا ... قاتارلىقلارنى ئىشلىتىشتىن چەكلىمىگەنلىكى بەرھەق. چۈنكى، ئاللاھ ۋە رەسۇلى بەندىلەرنى پەقەت دىن ۋە دۇنيالىقىغا زىيانلىق ئىشلاردىلا چەكلىگەن.
رەسۇلۇللاھنىڭ «دۇنيالىق ئىشلىرىڭلارنى سىلەر ياخشى بىلىسىلەر» (مۇسلىم 4358-ھەدىسنىڭ بىر قىسىمى) دېگەن ھەدىسىمۇ، مۇسۇلمانلارنىڭ چەكلىمىلا بولمىغان دۇنياۋىي ئىشلىرىدا تامامەن كەڭرىچىلىككە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
«پەرز نامازدىن كېيىن قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىشنى رەسۇلۇللاھ قىلمىغان دەپ بىدئەت دېسىڭىز، ئۇنداقتا رەسۇلۇللاھ تېلفون، ئېنتېرنىت ئىشلەتمىگەن، بۇنىمۇ بىدئەت دەمسىز؟» دېگۈچى، بۇ سۆزى ئارقىلىق رەسۇلۇللاھ دىندا قىلمىغان ئىشنى قىلىشنى يوللۇق دەپ قارىماقتا، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ ھېچبىر چەكلىمىسى بولمىغان دۇنياۋىي ئىشلارنى بولسا زورلاپ يۈرۈپ چەكلىمە دائىرىسىگە كىرگۈزۈش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ بىدئىتىنى توغرىغا چىقىرىشقا ئورۇنماقتا.
بۇ ناچار ئەخلاق بىلەن بۇزۇق ئەقىدە تەڭ مۇجەسسەملەنگەن باتىل ئىنكاس بولۇپ، رەسۇلۇللاھ دىندا قىلمىغان ئىشنى قىلىشنى يوللۇق سانىغۇچى بىدئەتچىنىڭ دەل ئۆزىدۇر.
«بۇنى رەسۇلۇللاھ قىلمىغان دەپ بىدئەت دېسىڭىز، ئۇنداقتا رەسۇلۇللاھ تېلفون، ئېنتېرنىت ئىشلەتمىگەن، بۇنىمۇ بىدئەت دەمسىز؟» دەپ سوئال تاشلىغۇچىغا مۇنداق جاۋاب بېرىمىز:
«رەسۇلۇللاھ ‹كىمكى بۇ دىندا بىز قىلمىغان ئىشنى قىلسا، ئۇ ئىش رەت قىلىنىدۇ› دېگەن. رەسۇلۇللاھ ‹كىمكى مېنىڭ سۈننىتىمدىن يۈز ئۆرۈيدىكەن ئۇ مەندىن ئەمەس› دېگەن. رەسۇلۇللاھ دىندا بىدئەت پەيدا قىلىشنى چەكلىگەن. سىزنىڭ بۇ قىلمىشىڭىز دىنىي ئىبادەتكە مۇناسىۋەتلىك ئىش. مەيلى پەرز نامازدىن كېيىن، مەيلى پەتىلەپ كىرگەن چاغدا، مەيلى تاماقتىن كېيىن، ياكى سورۇن ئاخىرلاشقاندا قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىش ... دېگەنلەر دىنغا-ئىبادەتكە مۇناسىۋەتلىك ئىش. چۈنكى، بۇ يەردە «دۇئا» مەۋجۇت. رەسۇلۇللاھ ‹دۇئا ئىبادەتتۇر›(تۆت ئىمام رىۋايەت قىلغان، تىرمىزى سەھىھ) دېگەن. بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە رەسۇلۇللاھ ئىبادەت قاتارىدا سانىغان دۇئا مەۋجۇت. شۇڭا، ھەرقانداق بىر دىنىي ئىبادەتتە رەسۇلۇللاھ قىلمىغان ئىشنى قىلىش دىندا قاتتىق چەكلەنگەن. بۇنى قىلىش بىدئەت. بىراق، سىز دەۋاتقان تېلفون، ئېنتېرنېت ... دېگەنلەر دۇنياۋىي بۇيۇملار. بۇ بۇيۇملارنى ھالال يولغا ئىشلىتىشتە رەسۇلۇللاھنىڭ چەكلمىسى يوق. بۇنداق بولغان ئىكەن، دىندا چەكلەنمىگەن بىر دۇنياۋىي ئىشنى ياكى بۇيۇمنى چەكلەشكە ھېچكىمنىڭ ھەددى يوق. ھەمدە، رەسۇلۇللاھ دىندا چەكلىگەن بىر ئىشنى قىلىشقىمۇ ھېچكىمنىڭ ھەددى يوق. سىز رەسۇلۇللاھ دىندا چەكلىگەن بىدئەت ئىشنى قىلىۋاتىسىز. شۇڭا، بۇ قىلمىشىڭىزدىن سىزنى توسىمەن ۋە سىزنى ھەممە ئىشتا رەسۇلۇللاھقا ئەگىشىشكە بۇيرۇيمەن.»
ئاللاھ قۇرئاندا مۇنداق دېگەن:«پەيغەمبەر سىلەرگە نېمىنى بەرسە ئۇنى ئېلىڭلار، سىلەرنى نېمىدىن چەكلىسە ئۇنىڭدىن يېنىڭلار.»(ھەشىر سۈرىسى، 7-ئايەت)

دىنىي ئىبادەتلەر ئارىلاشقان ئىشنى ئۆرپ-ئادەت دەۋېلىش دىننى بۇرمىلىغانلىق
بىرەيلەن «دۇئا قىلىش ئۆرپ ئادەت، ئۆرپ-ئادەتنى دىنىمىز چەكلىمەيدۇ، شۇڭا پالان پوكۇن ئورۇنلاردا قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىشنى بىدئەت دېيىش خاتا» دەپتۇ. بۇنىڭغا جاۋابىمىز مۇنداق:
1. رەسۇلۇللاھ «دۇئا ئىبادەتتۇر»(تۆت ئىمام رىۋايەت قىلغان، تىرمىزى سەھىھ) دېگەن. رەسۇلۇللاھ دۇئا قىلىشنى ئىبادەت دەۋاتسا، بۇنى ئۆرپ-ئادەت دېگۈچىنىڭ دىن توغرۇلۇق سۆز قىلىشقا سالاھىيىتى توشمايدۇ. بۇنداق كىشى، رەسۇلۇللاھنىڭ سۆزىگە قارشى گەپ قىلغانلىقى، بىر دىنىي ئىبادەتنى قورقماي تۇرۇپ ئۆرپ-ئادەت دەپ شەرىئەتنى بۇرمىلىغانلىقى ئۈچۈن دەرھال تەۋبە ئېيتىپ ھەققە قايتىشى كېرەك.
2. ئۆرپ-ئادەتلەرنىڭ دىنغا ئۇيغۇن بولغانلىرى قوبۇل قىلىنىدۇ. دىنغا زىت بولغانلىرى چەكلىنىدۇ. مەسىلەن، دىنغا ئۇيغۇن ئۆرپ-ئادەتكە بىر مىسال:
* مېھمانغا چىلاپچىدا بىر-بىرلەپ سۇ بېرىش. بۇ ئۇيغۇر خەلقىدە ناھايىتى ئومۇملاشقان ئۆرپ-ئادەت. بۇ مېھماننى ھۆرمەتلەش، پاكىزلىقنى روياپقا چىقىرىش، ساھىبخان بىلەن مېھمان ئوتتۇرىسىدا مېھىر-مۇھەببەت شەكىللەندۈرۈش، مېھماننى خۇش قىلىش تۈرىدىكى گۈزەل ئۆرپ-ئادەت بولۇپ، ئىسلام شەرىئىتى بۇنداق گۈزەل ئۆرپ ئادەتنى –قىلمىسا بولمايدىغان قائىدىگە ئايلاندۇرۇۋالماسلىق شەرتى بىلەن-قوللايدۇ.
دىنغا ئۇيغۇن ئەمەس ئۆرپ-ئادەتكە بىر مىسال
* شەرقىي تۈركىستاننىڭ شىمالىدىكى بەزى يۇرتلاردا قىز ئېلىپ قېچىش ئادىتى مەۋجۇت. يىگىت كۆزى چۈشكەن بىر قىزنى پايلاپ يۈرۈپ، ئېپى كەلگەندە ئاغىينىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئېلىپ قاچىدۇ. مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە قىزنى باشلاپ يېتىپ كېلىدۇ. ئاتا-ئانىسى قىز تەرەپ بىلەن كېلىشىپ قىز-يىگىتنىڭ تويىنى قىلىپ قويىدۇ. بۇ ئۆرپ-ئادەت ئومۇمىي شىمال خەلقىگە ئېغىر كەلمەيدۇ. ھەقىقىي دىندارلارغىلا ئېغىر كېلىدۇ. ئەمما، بۇ پۈتكۈل كۇفرىي قانۇن-تۈزۈملىرى جىنايەت سانايدىغان، بەك يامان كۆرىدىغان ئەھۋال. ئىسلام، بۇنى تېخىمۇ يامان كۆرۈپ چەكلەيدۇ.
شۇڭا، ئۆرپ-ئادەت بولسىلا ئىسلام يول قويىۋېرىدىغان ئىش يوق. ئىسلام شەرىئىتىگە ئۇيغۇن ھەر قانداق ئۆرپ-ئادەت دۇرۇس. ئىسلام شەرىئىتىگە ئۇيغۇن بولمىغان ھەر قانداق ئۆرپ-ئادەت خاتا.

ئاللاھ قۇرئاندا «ئاللاھنىڭ ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋالماڭلار» دەپ بۇيرۇق قىلدى
بەزى مۇسۇلمانلارغا بىرەر ئەمەلدىن بىدئەتلىكى سۆزلەنسە، تەرسالىق قىلىپ «رەسۇلۇللاھ قەيەردە (مەسىلەن) قەبرىستانلىقتا قۇرئان ئوقۇش بىدئەت دەپتۇ؟» دەپ تۇرىۋالىدۇ. بۇنىڭغا جاۋاب شۇكى:
رەسۇلۇللاھ «دىندا يېڭىدىن پەيدا بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىدئەت»( مۇسلىم 868، ئەبۇ داۋۇد 2954، نەسائى 1962، ئىبنى ماجە 45) دېدى، شۇنداقلا، «كىمكى دىنىمىزدا بىز قىلمىغان ئىش قىلسا، ئۇ ئىش رەت قىلىنىدۇ» دېدى. (بۇخارى 2697: مۇسلىم 1718؛ ئەبۇ داۋۇد 4606: ئىبنى ماجە 14: مۇسنەد ئەھمەد 6445) رەسۇلۇللاھ بارچە بىدئەتلەرنى پۈتۈنلەي چەكلەپ، ئىنكار قىلغان. ھەرگىزمۇ بىرەر بىدئەتنىمۇ ئايرىپ چىقىرىپ «دىندا يېڭىدىن پەيدا بولغان مۇنۇ ئىش بىدئەت ئەمەس» دېمىدى. بۇنىڭدىن شۇ چۈشىنىشلىك بولدىكى، دىندا پەيدا بولغان ھەر قانداق بىدئەت چەكلىنىدۇ. سىز قىلغان ماۋۇ ئىشنى رەسۇلۇللاھ مۇشۇ ئورۇندا قىلمىغان. شۇڭا، بۇ ئىشىڭىز دەل رەسۇلۇللاھ چەكلىگەن بىدئەت قىلمىشلار جۈملىسىدىن ھېسابلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:«ئى ئاللاھقا ۋە رەسۇلىغا ئىمان ئېيتقان مۆمىلەر! دىنىڭلارنىڭ ھۆكمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق مەسىلىدە ئاللاھنىڭ ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇق-كۆرسەتمىسىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋېلىپ ئۆز ئالدىڭلارغا ھۆكۈم چىقارماڭلار، بۇنداق قىلساڭلار بىدئەت سادىر قىلىسىلەر. ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ھەم سۆزۈڭلاردا، ھەم ئىش ھەرىكىتىڭلاردا ئاللاھنىڭ ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇق-كۆرسەتمىسىگە رىئايە قىلماسلىقتىن ساقلىنىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سۆزۈڭلارنى ئاڭلىغۇچى، نىيىتىڭلارنى ۋە ئەمىلىڭلارنى بىلىپ تۇرغۇچى زاتتۇر.»(تەپسىرۇل مۇيەسسەر، سۈرە ھۇجۇرات،1-ئايەت تەپسىر تەرجىمىسى) بۇ ئايەتتە مۆمىنلەرگە دىندا بىدئەت چىقارماسلىق ياكى ئاللاھ رۇخسەت قىلمىغان بىر ھۆكۈمنى چىقارماسلىق توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇش بار.(تەپسىرۇل مۇيەسسەر، ھۇجۇرات سۈرىسى، 1-ئايەتنىڭ تەپسىرى)

ساھابىلەرنىڭ رەسۇلۇللاھ قىلمىغان ئىشنى قەتئىي قىلمايدىغانلىقى، كىم دىندا رەسۇلۇللاھ قىلمىغان ئىشنى قىلسا، ساھابىلەرنىڭ قاتتىق قارشى چىقىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۈچ ھەدىس
ساھابىلەرنىڭ ئەقىدىسى شۇنداق ئىدىكى: رەسۇلۇللاھ دىندا قىلمىغان بىر ئىشنى باشقا ھەر قانداق بىرى قىلىدىغانلا بولسا، ئۇنداق ئىشنى ساھابىلەر بىدئەت، ھارام، رەت قىلىنىدىغان مۇنكەر ئەمەل بىلىپ قارشى تۇراتتى. مەن بۇ ھەقتە ئۆرنەكلىك دەلىلدىن بىر نەچچىنى كەلتۈرىمەن.
بىرىنجى ھەدىس: سەھىھۇل مۇسلىمنىڭ جۇمۇئە نامىزى بابىدا مۇنۇ ۋەقەلىك بايان قىلىنغان: ھۇسەيىندىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: ئۇمارە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىشر ئىبنى مەرۋاننىڭ مىنبەردە قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلغانلىقىنى كۆرۈپ: ئاللاھ بۇ خەتىبنىڭ قولىنى قۇرۇتۇۋەتسۇن! مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ قولى بىلەن مۇشۇنداق قىلغىنىدىن باشقىنى كۆرمىدىم دەپ، كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ئىشارە قىلدى. (سەھىھۇل مۇسلىم 873؛ ئۇيغۇرچە: مىشكات مەسابىھ1417؛ سۇنەن ئەبۇداۋۇد 1104-ئەلبانى سەھىھ دېگەن؛ سۇنەن نەسائىي 1413؛ جامىئۇت تىرمىزىي 515؛ ).- وَحَدَّثَنَا أَبُو بَكْرِ بْنُ أَبِي شَيْبَةَ، حَدَّثَنَا عَبْدُ اللَّهِ بْنُ إِدْرِيسَ، عَنْ حُصَيْنٍ، عَنْ عُمَارَةَ، بْنِ رُؤَيْبَةَ قَالَ رَأَى بِشْرَ بْنَ مَرْوَانَ عَلَى الْمِنْبَرِ رَافِعًا يَدَيْهِ فَقَالَ قَبَّحَ اللَّهُ هَاتَيْنِ الْيَدَيْنِ لَقَدْ رَأَيْتُ رَسُولَ اللَّهِ صلى الله عليه وسلم مَا يَزِيدُ عَلَى أَنْ يَقُولَ بِيَدِهِ هَكَذَا ‏.‏ وَأَشَارَ بِإِصْبَعِهِ الْمُسَبِّحَةِ .(رواە المسلم)
ھەدىستىن شۇ ئايدىڭ بولدىكى: ساھابە ئۇمەرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىشىر ئىبنى مەرۋاننى ئۇ مۇنبەردە قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلغانلىقى ئۈچۈن «مەن رەسۇلۇللاھنىڭ بۇنداق قىلغىنىنى كۆرمىدىم» دەپ ئۇنىڭ قىلمىشىنى ئىنكار قىلدى ۋە رەسۇلۇللاھ قىلمىغان ئىشنى نېمىشقا قىلىسەن دەپ نارازى بولۇپ «ئاللاھ ئىككى قولۇڭنى قۇرۇتۇۋەتسۇن» دېگەن ناھايىتى ئېغىر سۆزنى قىلدى.
بۇ رەسۇلۇللاھ دىن نامىدا قىلمىغان ئىشنى قىلغۇچىنىڭ ئەيىبلىنىپ، قارغىشقا قالىدىغانلىقىنى ئوچۇق ئىپادىلەيدىغان كۈچلۈك سەھىھ ھەدىس. رەسۇلۇللاھ دىندا قىلمىغان ئىشلارنى چەكلىمە بولمىغاندىكىن دەپ قىلىۋېرىدىغان كىشىلەر نامازدىن كېيىن قول كۆتۈرۈشنى مەنىۋىي مۇتىۋاتىر دەۋېلىپ، قول كۆتۈرۈشكە يوچۇق ئېچىپ، شەرئىي دەلىلگە ئەمەس، ئۆز نەپسى-خاھىشىغا ئەگەشتى. ئەمما، ساھابىلەر بۇلاردەك ئەمەس ئىدى. قول كۆتۈرۈش ھەدىسى ئۇلارنىڭ دېگىنىدەك مەنىۋىي مۇتىۋاتىر بولغاندىكىن يۇقارقى ساھابە ھاكىمغا قارشى چىقماي جىم تۇرسا بولماسمىدى؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە بىشىر ئىبنى مەرۋانمۇ باشقا ئىش قىلماي پەقەت خۇتبىدە قوللىرىنى كۆتۈرۈپلا قويۇپتىغۇ؟ خۇتبىدە قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلغان باشلىقنى «قولۇڭ قۇرۇپ كەتسۇن» دەپ قارغىغان ساھابىنى «دىندا ئىختىلاپ تېرىدى، كىچىك ئىشنى يوغىنىتىپ مۇسۇلمانلار جامائىتىنىڭ ئارىسىنى بۆلدى، ئۇششاق ئىشلارغا ئېسىلىۋېلىپ بىرلىكنى بۇزدى» دېيىش كېرەكمۇ؟ بىرەر مۇۋەھھىد مۇسۇلمان ھەر قانداق بىر بىدئەتكە قارشى چىقسا، بىدئەتكە چۆمۈپ كەتكەنلەر ئۇلارغا يۇقارقىدەك قالپاقلارنى كەيدۈرۈپ كەلمەكتە.
بۇ ھەدىستىن ئايدىڭكى: رەسۇلۇللاھ دىندا قىلمىغان ئىشنى ھېچكىمنىڭ قىلىشقا ھەددى يوق. رەسۇلۇللاھ خۇتبىدە ئىستىسقا دۇئاسىدىن باشقا چاغدا قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلمىغان ئىكەن، باشقا ھەر كىمنىڭ خۇتبىدە، شۇنداقلا رەسۇلۇللاھ قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلمىغان ھەر قانداق ئورۇندا قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىشى بىدئەت. بۇنىڭغا يۇقارقى ھەدىس پولاتتەك كۈچلۈك دەلىل. ئەگەر رەسۇلۇللاھ دىندا قىلمىغان ئىشنى قىلىش دۇرۇسلا بولىدىغان ئىش بولسا، ساھابە ئۇمەرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەرگىزمۇ بىشىرغا ئۆكتە قوپمىغان، شۇنداقلا ئۇنى «قولۇڭ قۇرۇپ كەتسۇن» دەپ قاغىمىغان بولاتتى. رەسۇلۇللاھ نامازنىڭ ئارقىسىدا قەتئىي قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلغان ئەمەس بۇنىڭغا بىنائەن، نامازدىن كېيىن قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىش بىدئەت. چۈنكى، بۇنداق قىلىش رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋېلىپ، ئاتىگاچىلىق قىلغانلىق ھېسابلىنىدۇ. رەسۇلۇللاھقا ئەگىشىشنى تاشلاپ، رەسۇلۇللاھتىن يول ئايرىپ، ئۇ زاتنىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋېلىپ ئاتىگاچىلىق قىلىش گۇناھى كەبىرە. ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:{يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تُقَدِّمُوا بَيْنَ يَدَيِ اللَّـهِ وَرَسُولِهِ ۖ وَاتَّقُوا اللَّـهَ ۚ إِنَّ اللَّـهَ سَمِيعٌ عَلِيمٌ }{ئى مۇئمىنلەر! (ھەر قانداق ئىشتا، ھەر قانداق سۆزدە، ھەر قانداق ئەمەلدە) ئاللاھنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنى ئالدىغا ئۆتۈۋالماڭلار! ئاللاھتىن قورقۇڭلار. شەكسىزكى، ئاللاھ (سۆزلىرىڭلارنى) ئاڭلىغۇچى، (ھەممە ئەھۋالىڭلارنى تولۇق) بىلگۈچىدۇر.} (سۈرە ھۇجۇرات، 1-ئايەت) ساھابىلەرنىڭ ئەقىدىسى مۇشۇنداق بولغاچقا، رەسۇلۇللاھ دىندا قىلمىغان ئىشىنى قىلغان ھاكىمغا قاتتىق تەنبىھ بەرگەن.
ئىككىنجى ھەدىس: ئىمام بۇخارى سەھىھۇل بۇخارىنىڭ «كىتاب ۋە سۈننەتكە چىڭ ئېسىلىش» بابىدا مۇنۇ ۋەقەلىكنى بايان قىلغان:
ئەبۇ ۋائىل مۇنداق دېگەن: مەن بۇ مەسجىدتە (يەنى ھەرەم مەسجىدىدە) شەيبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن ئولتۇرغان ئىدىم. شەيبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ماڭا «سەن ئولتۇرغان بۇ يەردە ئۆمەر مەن بىلەن بىللە ئولتۇردى، ئاندىن ‹كەئبىدىكى ئالتۇن-كۆمۈشلەرنىڭ ھەممىسىنى مۇسۇلمانلارغا تارقىتىۋېتىشنى ئويلاشتىم› دېدى. مەن ئۆمەرگە ‹بۇنداق قىلالمايسەن› دېدىم. ئۆمەر ‹نېمىشقا؟› دېۋىدى، مەن:‹چۈنكى سېنىڭ ئىككى ھەمراھىڭ (يەنى رەسۇلۇللاھ بىلەن ئەبۇ بەكرى سىددىق) بۇنى قىلمىدى› دېدىم. ئۆمەر ‹ئۇ ئىككەيلەن ئەگىشىش كېرەك بولغان ئۆرنەك شەخىسلەردۇر›دېدى (ۋە ئويىدىن ياندى.)»(سەھىھۇل بۇخارى 7275-نومۇرلۇق ھەدىس)[ عَنْ أَبِي وَائِلٍ، قَالَ جَلَسْتُ إِلَى شَيْبَةَ فِي هَذَا الْمَسْجِدِ قَالَ جَلَسَ إِلَىَّ عُمَرُ فِي مَجْلِسِكَ هَذَا فَقَالَ هَمَمْتُ أَنْ لاَ أَدَعَ فِيهَا صَفْرَاءَ وَلاَ بَيْضَاءَ إِلاَّ قَسَمْتُهَا بَيْنَ الْمُسْلِمِينَ‏.‏ قُلْتُ مَا أَنْتَ بِفَاعِلٍ‏.‏ قَالَ لِمَ‏.‏ قُلْتُ لَمْ يَفْعَلْهُ صَاحِبَاكَ قَالَ هُمَا الْمَرْآنِ يُقْتَدَى بِهِمَا‏- المحدث:البخاري المصدر:صحيح البخاري الجزء أو الصفحة:7275 حكم المحدث: صحيح]

بايىقى سۆزۈمنى قايتا تەكرارلايمەن. ساھابىلەرنىڭ ئەقىدىسى شۇنداق ئىدىكى: رەسۇلۇللاھ دىندا قىلمىغان بىر ئىشنى باشقا ھەر قانداق بىرى قىلىدىغانلا بولسا، ئۇنداق ئىشنى ساھابىلەر بىدئەت، ھارام، رەت قىلىنىدىغان مۇنكەر ئەمەل بىلىپ قارشى تۇراتتى.
ئۈچۈنچى ھەدىس: ئىمام ئەھمەد مۇسنەد ئەھمەدتە مۇنۇ ۋەقەلىكنى نەقىل قىلغان: ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇ: ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن بىرلىكتە كەئبىنى تاۋاپ قىلدى. مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تاۋاپ جەريانىدا كەئبىنىڭ ئەتراپىدىكى رۇكنلەرنىڭ ھەممىسىنى سىلىدى. شۇ ۋەجىدىن ئىبنى ئابباس ئۇنىڭغا «نېمىشقا (ئەسلىدە سىلىشقا تېگىشلىك ئىككى رۇكنغا قوشۇپ) بۇ ئىككى رۇكىننىمۇ سىلايسەن، رەسۇلۇللاھ بۇ ئىككى رۇكىننى سىلىمىغان تۇرسا؟» دېۋىدى، مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ «بەيتۇللاھتىن ھېچ نەرسىنى كام قويۇلمايدۇ» دېدى. بۇنىڭ بىلەن، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ «رەسۇلۇللاھ سىلەرگە ئەڭ ياخشى ئۈلگىدۇر» دېگەن ئايەتنى ئوقۇدى. مۇئاۋىيە «توغرا ئېيتتىڭ» دېدى.(مۇسنەد ئەھمەد 1877؛ سۇنەن تىرمىزى 858 ؛ بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەھمەد شاكىر سەھىھ دېگەن؛ ئىمام بەغەۋىي شەرھۇس سۇننە ناملىق ئەسىرىدە ھەسەن دېگەن؛) [عن ابن عباس ، أنه طاف مع معاوية بالبيت، فجعل معاوية يستلم الأركان كلها، فقال له ابن عباس : لم تستلم هذين الركنين، ولم يكن رسول الله صلى الله عليه وسلم يستلمهما ؟ فقال معاوية : ليس شيء من البيت مهجورا، فقال ابن عباس : { لقد كان لكم في رسول الله أسوة حسنة }، فقال معاوية : صدقت.مسند احمد 1877؛ أحمد شاكر المصدر:مسند أحمد الجزء أو الصفحة:3/266 حكم المحدث:إسناده صحيح؛ وسنن الترمذي858 حسن؛ المحدث:البغوي المصدر:شرح السنة الجزء أو الصفحة:4/77 حكم المحدث:حسن]
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا قارشى چىقىشىمۇ دىندا رەسۇلۇللاھ قىلمىغان ھەر قانداق ئىشنىڭ رەت قىلىنىدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ. بۇخارىدا ئىبنى ئابباسنىڭ باشقا بىرىگە «مۇئاۋىيە فەقىھتۇر» دېگەنلىكى نەقىل قىلىنغان. مەيلى ئۇمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بولسۇن، مەيلى مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بولسۇن رەسۇلۇللاھ قىلمىغان ئىشنى قىلماسلىقنىڭ رەسۇلۇللاھقا ئەگىشىش جۈملىسىدىن ئىكەنلىكىنى ناھايىتى ئوچۇق بىلگەن. شۇڭا، باشقا ساھابىلەر ئۇلارغا «رەسۇلۇللاھ بۇنى قىلمىغان» دېيىش بىلەنلا، دەرھال قىلمىشىدىن يانغان. ساھابىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئورتاق ئەقىدىسى مۇشۇ ئىدى. رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋالمايتتى. ئەھلى بىدئەت تائىپىلىرىدەك «رەسۇلۇللاھ قىلمىغان بىلەن بۇ ياخشى ئىش» دەپ ئۆز كۆڭلىنى خوش قىلىپ كېتىۋېرىشتىن، ئاۋام مۇسۇلمانلارنى ئازدۇرۇشتىن ساھابىلەر يىراق ئىدى. ھالبۇكى، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئارىسىدا نەچچە ئون يىل ئىلىم تەھسىل قىلغان، ئۆزلىرىنىڭ «ئەللامە» بولۇپ كەتكەنلىكى قانائىتىدە گىدىيىپ يۈرۈشكەن بىر تۈركۈم بىچارە كىشىلەر مەيلى ناماز ۋە تاماقتىن كېيىن دۇئا قىلىپ قول كۆتۈرۈشتە بولسۇن، ياكى باشقا بىدئەتلەردە بولسۇن، ئۇلارغا «رەسۇلۇللاھ بۇنى قىلمىغان» دەپ رەددىيە بېرىلسە، يۇقارقى كاتتا ساھابىلەردەك دەرھال قىلمىشىدىن يانماستىن، «بۇ ئىختىلاپىي مەسىلە، ئۇششاق ئىشتا بۆلگۈنچىلىك سېلىش دۇرۇس ئەمەس» دېگەن شەيتانىي گەپ بىلەن يەنە ئۆز گېپىنى يورغىلىتىپ بېقىۋاتقانلىقى ئېنىق. رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتى كىمنىڭ كۆزىگە كىچىك كۆرۈنىدىكەن، ئۇ ئەنە شۇنداق ئازىدۇ، رەسۇلۇللاھنىڭ يولىدىن چەك ئايرىپ، دوزاخ يولىغا قاراپ ئىلگىرىلەيدۇ. ئاللاھ ھەممەيلەننى ھەق يولغا ھىدايەت قىلسۇن.

تەۋسىيىلىك ماقالە:
نامازدىن كېيىن قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىش نېمىشقا بىدئەت

Yorumlar