تۆت مەزھەپتە ساقالنىڭ ھۆكمى
تۆت مەزھەپتە ساقالنىڭ ھۆكمى
«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەييارلىدى
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.
ھەممە ماختاشلار ئاللاھقا خاستۇر. دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا، ساھابە-كراملارغا بولسۇن. پەيغەمبەرلەرنىڭ تۈگەنچىسى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننىتىگە ئەگەشكەن جىمى سالىھ-تەقۋادارلارغا بەخت-سائادەت، سالامەتلىك، خاتىرجەملىك ۋە باشقا ھەممە ياخشىلىقلار يار بولسۇن.
بۇ ماقالىدە ئاساسلىقى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ۋە تۆت مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ ساقال ھەققىدىكى ھۆكۈملىرى بايان قىلىنىدۇ. ئاللاھ بارچە مۇسۇلمانلارنى سۈننەت ئۈستىدە بىرلەشتۈرسۇن ۋە دۈشمەنلىرىدىن غالىپ قىلسۇن.
ئىمام بۇخارى، ئىمام مۇسلىم ۋە باشقا مۇھەددىس ئىماملار ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلغان: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «بۇرۇتنى قىسقارتىپ، ساقالنى ئۆستۈرۈڭلار.»(بۇخارى 5443؛ مۇسلىم 600) باشقا رىۋايەتتە مۇنداق كەلگەن:«مۇشرىكلاردىن پەرقلىق يول تۇتۇڭلار. بۇرتنى قىسقارتىپ، ساقالنى ئۆستۈرۈڭلار.» (مۇسلىم 602-نومۇرلۇق ھەدىس)
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«بۇرۇتنى قىرقىپ، ساقالنى ئۆستۈرۈڭلار. مەجۇسىيلارغا خىلاپ ئىش قىلاڭلار.» (مۇسلىم 383)
شافىي مەزھىبىدە ساقال
(مەزھەبلەرنىڭ رەت تەرتىۋى ئۇيغۇر ئېلىپبە تەرتىۋى بويىچە تىزىلدى)
«شەرھۇل ئۇباب» ناملىق شافىي مەزھىبى ئەسىرىدە مۇنداق دېيىلگەن:
ئىبنۇل رىفائ مۇنداق دېگەن: ئىمام شافىي «ئەل ئۇم» ناملىق ئەسىرىدە «ساقال چۈشۈرۈش ھارام» دېگەن. «شەرھۇل ئۇباب ۋەل ھاشىيە ئىبنۇل قاسىم ئەل ئاببادى، 9-376)
ئىمام نەۋەۋىي مۇنداق دېگەن: توغرا كۆز قاراش شۇكى، ساقالنى ئۆز ھالىغا قويۇپ بېرىش كېرەك، ئۇنى قىسقارتىشقا ۋە باشقا يول بىلەن چېقىلىشقا بولمايدۇ. («فەتھۇلبارى» 5892-نومۇرلۇق ھەدىسنىڭ شەرھى)
شافىي مەزھەب مۇھەددىسى، ئىمام ئىبنى ھەجەر «فەتھۇل بارى» دا سەھىھۇل بۇخارىدىكى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ «مۇشرىكلارغا خىلاپ ئىش تۇتۇڭلار. ساقالنى ئۇزارتىپ، بۇرۇتنى كېسىڭلار»(بۇخارى 5892-نومۇرلۇق ھەدىس) ناملىق ھەدىسىنى شەرھلەپ مۇنداق دېگەن: بۇ ساقالنى كامىل ۋە مول قويۇش مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. («فەتھۇل بارى» 5982-نومۇرلۇق ھەدىسنىڭ شەرھى)
مالىكىي مەزھىبىدە ساقال
ھەنبەلىي مەزھىبىدىكى مەشھۇر مۇھەددىس ئىمام ئىبنى ئابدۇلبەر «ئەلتەمھىد» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دېگەن:
ساقالنى چۈشۈرۈش ھارام. خوتۇن مىجەزلەردىن باشقا ھېچكىم بۇنداق قىلمايدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ كامىل ساقىلى بار ئىدى. (ئىمام مۇسلىم جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىس) سەھىھ ھەدىسلەردە كەلگەن ئوچۇق مەنالار ساقالنى قىرىشنى چەكلىگەنلىكتىن، ساقالدىن ھەر قانداق ھالەتتە چاتاش چەكلىنىدۇ.
مالىكىي مەزىپى ئالىمى دۇسۇقى مۇنداق دېگەن: «ئەرلەرنىڭ ساقىلىنى قىرىشى -پەسلىتىشى ھارام. بۇ قىلىق چەكلىنىدۇ.» (ھاشىيەتۇل دۇسۇقى ئەلا شەرھۇل كەبىر، 1-جىلد، 90-بەت، تاھارەت كىتابى)
ئىمام قارافى مۇنداق دېگەن:
ساقالنى زىيادە ئۇزۇراپ كەتمىگەنگە قەدەر ئۆستۈرۈش تەبئىي فىترەتتىن سانىلىدۇ. ساقال زىيادە ئۇزىراپ كەتكەندە (بىر تۇتامدىن پەسەيتىۋەتمىگەن مىقداردا) چاتاش ئەۋزەل.(ئەل زاھىرە 13-278)
ھەنەفىي مەزھىبىدە ساقال
ھەنەفىي مەزھىپى فەقىھى ئىبنى ئابىددىن مۇنداق دېگەن:
ھەنەفىي مەزھىبىدە ساقال بىر تۇماتمغا يەتمىگۈچە ئۇنى چاتاشقا رۇخسەت يوق.(ئىبنى ئابىدىن: راددۇل مۇختار ئەلا دۇررۇل مۇختار، 2-جىلد، 113-بەت)
ھەنەفىي مەزھىپىدىكى فەقىھ خاسكافى «دۇررۇل مۇختار» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دېگەن: ساقالنى ئېلىش ھارام. ئافرىقىنىڭ جەنۇبىدىكى بەزى كىشىلەردەك ۋە ھەزىلەكلەردەك ساقالنى بىر تۇتامدىن قىسقارتىۋېتىشىنى (ئىلىم ئەھلىلىرىدىن) ھېچكىم دۇرۇس دېگەن ئەمەس. (راددۇل مۇختار ئەلا دۇررۇل مۇختار، 2-جىلد، 113-بەت، روزا كىتابى)
ھەنبەلىي مەزھىبىدە ساقال
ئىمام باخۇتىي مۇنداق دېگەن:
ساقالنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى ۋە قىرقىلماسلىقى تەبئىي فىترەتتىن سانىلىدۇ. ھەنبەلىي مەزھىبىدە ساقال ھەددىدىن زىيادە ئۇزۇراپ كېتىش سەۋەبلىك يىرگىنىشلىك بولماسلىقى كېرەك. ساقالنى كېسىش ھارام. (كەشفۇل قىنا، 1-75)
ھەنبەلىي مەزھىپىنىڭ «ئەل ئىنساف» 1-،121، شەرھۇل مۇتاھا ئەل ئىردات، 1-85، راۋدۇل مۇربىئ 27،28 قاتارلىق باشقا مەشھۇر فىقھى كىتابلىرىدىمۇ يۇقارقىدەك بايانلار مەۋجۇت.
ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن مۇنداق دېگەن: ساقالدىن ھەر قانداق ھالەتتە چاتاش پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننىتىگە خىلاپ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ساقالنى ئۆستۈرۈڭلار»، «ساقالنى ئۆستۈرۈڭلار» دېگەن. كىمكى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئەمرىگە بويسۇنماقچى بولسا ۋە ئۇ زاتنىڭ يولىغا ئەگەشمەكچى بولسا، ساقىلىدىن ھېچنېمىنى چاتىمىسۇن. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۈگۈتى ساقالنىڭ ھېچيېرىگە يۇقماسلىقتۇر. شۇنداقلا بۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن ئىلگىرى ھەممە پەيغەمبەرلەرنىڭ يولىدۇر. (ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالىرى 11-توم، 126-بەت)
ساقالنى چۈشۈرۈش مۇشرىكلارنى، ئاياللارنى دوراشتۇر
رەسۇلۇللاھ سەللەللارھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننىتى ساقالنى ئۆستۈرۈشنىڭ ۋاجىب(پەرز) لىقىنى، ئۇنى چۈشۈرۈش ياكى قىرقىپ تۇرۇشنىڭ ھاراملىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم خاتىرلىگەن بىرلىككە كەلگەن ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «بۇتۇتنى قىرقىپ، ساقالنى ئۇزارتىڭلار. (شۇ ئارقىلىق) مۇشرىكلاردىن پەرقلىنىپ تۇرۇڭلار.»(بۇخارى 5442؛ مۇسلىم 382) (ئىسلام سوئال جاۋابلىرىنىڭ 9977-نومۇرلۇق پەتىۋاسى)
ئۇمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ساقىلىنى يۇلغۇچى(چۈشۈرگىچى) نىڭ گۇۋاھلىقىنى رەت قىلغان. ئىمام ئىبنى ئابدۇلبەر رەھىمەھۇللاھ ئەل تەمھىد ناملىق كىتابىدا مۇنداق دېگەن:«ساقالنى چۈشۈرۈش ھارامدۇر. پەقەت زەيپانە-خوتۇن مىجەز كىشىلەرلا ساقىلىنى چۈشۈرىدۇ.» (سەئۇدىي پەتىۋا كومېتىتى پەتىۋاسى، 5- جىلد، 133- بەت؛ ئىسلام سوئال جاۋابلىرىنىڭ 1189-نومۇرلۇق پەتىۋاسى)
مۇھەددىس شەيخ ھامماد ئەنسارىي ساقالنى چۈشۈرۈشنىڭ زىيىنىنى مۇنۇ تۆت چوڭ باتىللىققا يىغىنچاقلىغان:
1. رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇقىغا قارشى چىقىش.
2. كاپىر-مۇشرىكلارغا ئوخشىۋېلىش.(رەسۇلۇللاھ «كىمكى باشقا بىر (دىندىكى) قەۋمگە ئوخشىۋالىدىكەن، ئۇ شۇلاردىندۇر) دېگەن)
3. ئاياللارغا ئوخشىۋېلىش.(رەسۇلۇللاھ ئاياللارغا ئوخشىۋالغۇچىلارغا لەنەت قىلغان)
4. ئاللاھنىڭ يارىتىشىنى ئۆزگەرتىۋېتىش. (يەنى ئاللاھ ئەرلەرنى ساقاللىق، ئاياللارنى ساقالسىز ياراتقان.)
بىراۋنىڭ ساقال قويۇشنى سۈننەت دەۋېلىشى باتىلدۇر، شۇ باتىل دەستەك بىلەن ساقالنى قىرقىشقا ياكى چۈشۈرۈشكە يول ئېچىشى تېخىمۇ باتىلدۇر. قۇرئان، سۈننەت ۋە ئەھلى سۇننە ئۆلىمالىرى بۇنداق باتىل مەيدان بىلەن قارمۇ قارشى. ساقال قويۇشنىڭ ۋاجىب(پەرز) ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈش بىلەن بىرگە، ھەر خىل باھانىلەر بىلەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننىتىنى تاشلاۋاتقان ۋە تاشلاشنى يوللۇق ساناۋاتقانلارغا سۆزىمىز شۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىمكى مېنىڭ سۇننىتىمدىن يۈز ئۆرۈيدىكەن ئۇ مەندىن ئەمەس.»(بۇخارى-نىكاھ كىتابى-4675-نومۇرلۇق ھەدىس)
بەزى ئالىملار ساقالنى بىر تۇتام قالدۇرۇپ قويۇپ چاتاش دۇرۇس دېسە، باشقا ئالىملار ئىمام مۇسلىم جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن كەلگەن «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ قېلىن ساقىلى بار ئىدى» دېگەن مەزمۇندىكى ۋە شۇ ھەقتە كەلگەن باشقا ھەدىسلەرگە ئاساسەن بۇنى توغرا ئەمەس دېگەن.
ساقالنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدىكى بايانلار فىقھى ۋە ھەدىس كىتابلىرىدا كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ، ماقالىنىڭ ئىخچام بولۇشىنى كۆزدە تۇتۇپ شۇلاردىن پەقەت بىر قىسمىنىلا نەقىل قىلدۇق.
ماقالىمىزدە ساقال ئۆستۈرۈشنىڭ تۆتىلى مەزھەپتە بىردەك ۋاجىبلىق ھۆكمىدە كەلگەنلىكىنى ئاساسىي مەقسەد قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن، ساقالنى بىر تۇتام قالدۇرۇپ قويۇپ چاتاشنىڭ كۈچلۈك قاراش ياكى ئەمەسلىكى توغرۇلۇق باشقا ماقالىدە توختىلىمىز ئىنشائاللاھ.
Yorumlar
Yorum Gönder