رەسۇلۇللاھنىڭ ۋارىسلىرىدىن ئۈنچىلەر
رەسۇلۇللاھنىڭ ۋارىسلىرىدىن ئۈنچىلەر
فۇرقان دەۋەت مەركىزى تەييارلىدى
(مەزمۇنلار كۈنسېرى موللىشىپ ماڭىدۇ)
تابىئىنلاردىن مۇئاۋىيە ئىبنى قۇررە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:
قال معاوية بن قرة: أدركت سبعين من الصحابة لو خرجوا فيكم اليوم ما عرفوا شيئا مما أنتم فيه إلا الأذان .[ سير أعلام النبلاء ١٥٤/٥ ]
يەتمىش ساھابە بىلەن ئۇچراشتىم. ئەگەر ئۇلار بۈگۈن سىلەرنىڭ ئاراڭلارغا كەلسە، ئەزاندىن باشقا ئىشىڭلارنى تونۇمىغان بولاتتى. (ئىمام زەھەبى، سىيەر ئەئلام نۇبۇلا 5\154)
* چىۋىن ۋە كۇمۇتىلار يېمەك-ئىچمەكلەرنى بۇزغاندەك، بىدئەتلەر ۋە خۇراپاتلار ئىسلامنى بۇزۇپ، ئىگىسىنى رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابىلەردىن باشقا يولغا ماڭغۇزىۋېتىدۇ. رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابىلەرنىڭ ئەقىدە، ئەمەللىرىنى ئۆرنەك ئېلىپ، ئۇلارنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان ئەقىدە، سۆز ۋە پېئىللارنى تەرك ئېتىڭ.
ئىمام مالىك رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:
إذَا ظَهَرَ الْبَاطِلُ عَلَى الْحَـقِّ ظَهَــرَ الْفَسَـادُ فِي الْأَرْضِ.
باتىل ھەقنىڭ ئالدىغان ئۆتۈۋالغاندا، زېمىندا يامان ئىشلار باش كۆتۈرىدۇ. (قازى ئىياز-تەرتىب مەدارىك 2\66؛ ئىبنى مۇفلىھ-ئەدەب ئەششەرئىييە، 1\42)
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە مۇنداق دېگەن:
قال ابن تيمية رحمه الله :مصيبةٌ تُقْبِل بك على الله خيـرٌ لك من نعمةٍ تُنْسيك ذكـر الله .
سېنى ئاللاھقا ماڭغۇزغان بىر مۇسىبەت سەن ئۈچۈن سېنىڭ ئاللاھنىڭ زىكرىدىن ئۇنتۇلدۇرغان بىر نىئمەتتىن خەيرلىكتۇر. [جامع المسائل(٣٨٧/٣)]
سېنى ئاللاھقا ماڭغۇزغان بىر مۇسىبەت سەن ئۈچۈن سېنىڭ ئاللاھنىڭ زىكرىدىن ئۇنتۇلدۇرغان بىر نىئمەتتىن خەيرلىكتۇر. [جامع المسائل(٣٨٧/٣)]
ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:
قال العلامة ابن عثيمين رحمه الله: كلُّ إنسان يغتاب شخصًا فإنَّما يُقدِّم له عملًا صالحًا يَبقى للذي اغتيب". ولهذا قال بعض السَّلف :أودُّ أن أبذل دراهم لمن يغتابني.
قال العلامة ابن عثيمين رحمه الله: كلُّ إنسان يغتاب شخصًا فإنَّما يُقدِّم له عملًا صالحًا يَبقى للذي اغتيب". ولهذا قال بعض السَّلف :أودُّ أن أبذل دراهم لمن يغتابني.
ئىنسان مەلۇم كىشىنىڭ غەيۋىتىنى قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ ياخشى ئەمەللىرىنىڭ (غەيۋىتىگە تېگىشلىك مىقدارىنى) ساۋابىنى ئۇنىڭغا بېرىۋېتىدۇ. ئۆزى بولسا قىلغان غەيۋىتى بىلەن قېپ قالىدۇ. بۇ سەۋەبلىك، سەلەف ئالىملىرىدىن بەزىلىرى «غەيۋىتىمنى قىلغان كىشىگە دىنار-دىرھەم بېرىشنى ئارزۇ قىلىمەن» دېيىشكەن. (ئايلىق ئۇچرىشىش، 58) [اللقاء الشهري : (٥٨)]
Yorumlar
Yorum Gönder