دۇنيانى ئاخىرەتنىڭ ئالدىغا قويۇۋالماسلىق ۋە زالىملارنىڭ ئۈستىمىزدە ھۆكۈمران بولۇۋالماسلىقى ئۈچۈن ئايەت، ھەدىس، دۇئا



دۇنيانى ئاخىرەتنىڭ ئالدىغا قويۇۋالماسلىق ۋە زالىملارنىڭ ئۈستىمىزدە ھۆكۈمران بولۇۋالماسلىقى ئۈچۈن ئايەت، ھەدىس، دۇئا

مۇجەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى (mujtehid.blogspot.com) تەييارلىدى

[ئىككى ئايەت]
ئۇلۇغ ئاللاھ قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ:
﴿بَلْ تُؤْثِرُونَ الْحَيَاةَ الدُّنْيَا﴾ ﴿وَالْآخِرَةُ خَيْرٌ وَأَبْقَىٰ
﴿(ئى ئىنسانلار!) سىلەر (تېزلا ئۆتۈپ كېتىدىغان) دۇنيا ھاياتىنى (مەڭگۈلۈك ئاخىرەتتىن) ئۈستۈن كۆرىسىلەر.﴾ ﴿ھالبۇكى، (ئاللاھنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىنى بىجاندىللىق بىلەن ئورۇندايدىغان مۆمىن بەندىلەر ئۈچۈن) ئاخىرەت (تە ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلىدىغان مۇكاپات، ئۇ يەردىكى ئەبەدى نازۇ نېئمەتلەر) تېخىمۇ ياخشىدۇر ۋە (ئاخىرەت ھاياتى دۇنيا ھاياتىدەك يوقالمايدۇ، ئاخىرەت ھاياتى) مەڭگۈلۈكتۇر.﴾ (سۈرە ئەئلا، 16-،17-ئايەتلەر) 87:16، 87:17

*دۇنيا ھاياتىنى ئاخىرەت ھاياتىنىڭ ئۈستىگە قويۇۋېلىش پۈتكۈل گۇناھ ۋە جىنايەتلەرنىڭ مەنبەسىدۇر. (تەپسىر سەئدى)

[ئىككى ھەدىس]
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن ((من أحبَّ دنياهُ أضرَّ بآخرتِه ومن أحبَّ آخرتَه أضرَّ بدنياهُ فآثروا ما يبقى على ما يفنى)) «كىم دۇنيانى ياخشى كۆرسە، ئاخىرىتىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. كىم ئاخىرەتنى ياخشى كۆرسە، دۇنياسىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. سىلەر مەڭگۈلۈك ئاخىرەتنى ۋاقىتلىق دۇنيادىن ئۈستۈن تۇتۇڭلار.» (جامىئۇس سەغىر 8313؛ ئىبنى ھەجەر-تەخرىج مىشكات مەسابىھ 5\10؛ مۇسنەد ئەھمەد 19697؛ ئىشەنچىلىك ھەدىس)

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن ((مَن أَحَبَّ أن يجدَ طعمَ الإيمانِ، فَلْيُحِبَّ المرءَ، لا يُحِبُّه إلا للهِ.)) «كىم ئىماننىڭ لەززىتىنى تېتىشنى ياخشى كۆرسە، ئۆزى ياخشى كۆرگەن كىشىنى پەقەت ئاللاھ ئۈچۈنلا ياخشى كۆرسۇن.» (جامىئۇس سەغىر 8323؛ سەھىھ جامىئ 5958؛ ئەھمەد شاكىر-مۇسنەد ئەھمەد تەخرىجى 10\118؛ سەھىھ)

[بىر دۇئا]
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ((قلَّما كانَ رسولُ اللَّهِ يقومُ من مَجلسٍ حتّى يدعوَ بِهَؤلاءِ الكلِماتِ لأصحابِهِ: اللَّهمَّ اقسِم لَنا من خشيتِكَ ما يَحولُ بينَنا وبينَ معاصيكَ، ومن طاعتِكَ ما تبلِّغُنا بِهِ جنَّتَكَ، ومنَ اليقينِ ما تُهَوِّنُ بِهِ علَينا مُصيباتِ الدُّنيا، اللهم متِّعنا بأسماعِنا وأبصارِنا وقوَّتنا ما أحييتَنا، واجعَلهُ الوارثَ منّا، واجعَل ثأرَنا على من ظلمَنا، وانصُرنا على من عادانا، ولا تجعَل مُصيبتَنا في دينِنا، ولا تجعلِ الدُّنيا أَكْبرَ همِّنا ولا مبلغَ عِلمِنا، ولا تسلِّط علَينا مَن لا يرحَمُنا)) «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم يىغىلىشلاردىن تارقىلىشتىن ئاۋۋال ساھابىلىرى ئۈچۈن مۇنداق دەپ دۇئا قىلماستىن تۇرۇپ كېتىدىغان ۋاقىتلىرى ناھايىتى ئاز ئىدى: ئاللاھىم! بىز بىلەن ساڭا قارشى قىلىنىدىغان گۇناھلار ئارىسىدا پەردە بولىدىغان سەندىن قورقۇشنى، بىزنى جەننىتىڭگە ئېلىپ بارىدىغان ئىبادەتلەرنى، بىزگە دۇنيادا كەلگەن مۇسىبەتلەرنى يېنىكلەشتۈرۈپ بېرىدىغان كۈچلۈك ئىماننى بىزگە نېسىپ قىلغىن. ئاللاھىم! سەن بىزنى تىرىك قالدۇرغان مۇددەت ئىچىدە قۇلاقلىرىمىزدىن، كۆزلىرىمىزدىن ۋە كۈچىمىزدىن پايدىلىنىشىمىزنى بىزگە نېسىپ قىلغىن. (ئۆلگەنگەن قەدەر) بۇلارنى بىز ئۈچۈن داۋاملاشتۇرۇپ بەرگىن. بىزگە زۇلۇم قىلغانلاردىن ئىنتىقامىمىزنى ئېلىپ بەرگىن. بىزگە دۈشمەنلىك قىلغانلارغا قارشى بىزگە ياردەم بەرگىن. بىزگە دىنىمىزدا مۇسىبەت بەرمىگىن، دۇنيا (ھاياتىنى ۋە ئۇنىڭ ۋاقىتلىق نىمەتلىرى) نى بىزنىڭ ئەڭ چوڭ غايىمىز ۋە ئىلىمىزنىڭ نىشانى قىلىپ قويمىغىن. بىزگە شەپقەت كۆرسەتمەيدىغانلارنى ئۈستىمىزدە ھۆكۈمران قىلىپ قويمىغىن.» (جامىئۇس سەغىر 1505؛ رىيازۇس سالىھىن 834؛ سەھىھ تىرمىزى 3505؛ سەھىھ جامىئ 1268؛ سەھىھ ھەدىس)

مۇجەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى (mujtehid.blogspot.com) تەييارلىدى

  • ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا بىر ياخشىلىقىڭىزنىڭ كۆپۈيىشى، ئىمان، ئىسلامنىڭ ئۈستۈنلۈك قازىنىشى ئۈچۈن تارقىتىپ قويۇڭ.

Yorumlar