ئاللاھ ئاسىيلارنى جازالاشتا ئىنسانلاردەك ئالدىراپ كەتمەيدۇ - ئايەت، ھەدىس، دۇئا
بارچە مەۋجۇدات ئاللاھقا سەجدە قىلىدىغانلىقى ۋە بۇ ھەقتىكى ئايەت، ھەدىس، دۇئا
مۇجەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى (mujtehid.blogspot.com) تەييارلىدى
[بىر ئايەت]
ئۇلۇغ ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:
﴿لَّا تُدْرِكُهُ الْأَبْصَارُ وَهُوَ يُدْرِكُ الْأَبْصَارَ ۖ وَهُوَ اللَّطِيفُ الْخَبِيرُ﴾ 6:103
﴿كۆزلەر ئاللاھنى كۆرەلمەيدۇ. (پەقەت مۆمىنلەرلا ئاخىرەتتە ئاللاھنى كۆرىدۇ.) ئاللاھ كۆزلەرنى كۆرۈپ تۇرىدۇ. ئاللاھ ئەللەتىفتۇر (ئۆزىنىڭ دوستلىرىغا ئىنئام ۋە ياخشىلىقلارنى ئاتا قىلغۇچى، مەۋجۇداتلارنى ئەڭ ئىنچىكە ھالەتلىرىگىچە بىلگۈچى زاتتۇر.) ئاللاھ ئەلخەبىردۇر (پۈتكۈل مەۋجۇدات ۋە ئىش ھادىسىلەرنىڭ ئىچكى ئەھۋالىنى بىلگۈچىدۇر.)﴾ (سۈرە ئەنئام، 103-ئايەت)
[بىر ھەدىس]
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إذا رأيت الله تعالى يعطي العبد من الدنيا ما يحب، وهو مقيم على معاصيه، فإنما ذلك منه استدراج))«ئاللاھنىڭ گۇناھلىق-ھارام ئىشلارغا چۆكۈپ كەتكەن ھالدا ياشاۋاتقان كىشىگە ئۇ ئارزۇ قىلىدىغان مال-دۇنيالارنى بېرىۋاتقىنىنى كۆرسەڭ، (بىلگىنكى) بۇ ئاللاھنىڭ ئۇنى (ھارام ئىشلارغا قويۇۋېتىپ) ئاقىۋەتتە قاتتىق جازالايدىغانلىقى (نىڭ ئالامىتى)دۇر.» (سۇيۇتى-جامىئۇس سەغىر 629؛ ئەلبانى-سەھىھ جامىئ 561؛ ئارنائۇت-تەخرىج مۇسنەد ئەھمەد 17311؛ ئەلبانى-سىلسىلە ئەسسەھىھە 413؛ئەلبانى-تەخرىج مىشكات مەسابىھ 5129؛ سەھىھ ھەدىس)
[بىر دۇئا]
بىزگە ھەر تۈرلۈك نىمەتلەرنى رىزق قىلىپ بەرگەن ئى ئاللاھ! پۈتكۈل كائىناتنىڭ ھۆكۈمرانلىقى سېنىڭ قولۇڭدىدۇر. سەندىن باشقا ئىبادەت قىلىنىشقا لايىق ھېچبىر ئىلاھ يوقتۇر. ئى رەببىمىز، بىزنى ئۆزۈڭ رازى بولىدىغان ئىمان-ئىسلام يولىدا مۇستەھكەم ماڭغۇزغىن. بىزنى ۋاقىتلىق دۇنيادىكى ئەرزىمەس نەرسىلەرگە ئالدىنىپ، سېنىڭ توغرا يولۇڭدىن ئازغان پاسىقلاردىن قىلىپ قويمىغىن. بىزنى ساڭا ئىخلاس بىلەن ئىبادەت قىلىدىغان مۆمىنلەردىن قىلغىن. سەن يامان كۆرىدىغان پۈتكۈل ئىشلاردىن بىزنى يىراق قىلغان. قەلبىمىزدىكى قاتتىقلىقنى ۋە غاپىللىقنى كۆتۈرۈۋەتكىن. بېشىمىزدىكى مۈشكۈللۈكتىن بىزنى قۇتقۇزغىن. بىزنى مۇسىبەتلەرگە سەبر قىلغۇچى، سېنىڭ تەقدىرىڭگە رازى بولغۇچى، سېنىڭ رازىلىقىڭنى كۆزلىگۈچى تەقۋادار بەندىلىرىڭ قاتارىغا قوشقىن. سەن ھەقىقەتەن بىزنىڭ قىلمىشلىرىمىزنى كۆرۈپ تۇرغۇچىسەن، سۆزلىرىمىزنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىسەن ۋە نىيەتلىرىمىزنى بىلىپ تۇرغۇچىسەن. بىزگە دۇنيادىمۇ، ئاخىرەتتىمۇ ياخشىلىق ئاتا قىلغىن.
مۇجەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى (mujtehid.blogspot.com) تەييارلىدى
- ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا بىر ياخشىلىقىڭىزنىڭ كۆپۈيىشى، ئىمان، ئىسلامنىڭ ئۈستۈنلۈك قازىنىشى ئۈچۈن تارقىتىپ قويۇڭ.
Borgata Hotel Casino & Spa - Mapyro
YanıtlaSilBorgata Hotel Casino 논산 출장마사지 & Spa (AtlanticCity), NJ 08401. Directions · (609) 순천 출장마사지 317-8000. Call Now · 정읍 출장마사지 More Info. Hours, Accepts Credit Cards, 논산 출장마사지 Attire, Wi-Fi, 청주 출장샵 Rating: 2.7 · 14 votes · Price range: $$