ھەتتا مەۋجۇداتنىڭ سايىلىرىمۇ ئاللاھقا سەجدە قىلىدىغانلىقى ۋە بۇ ھەقتىكى ئايەت، ھەدىس، دۇئا





ھەتتا مەۋجۇداتنىڭ سايىلىرىمۇ ئاللاھقا سەجدە قىلىدىغانلىقى ۋە بۇ ھەقتىكى ئايەت، ھەدىس، دۇئا

مۇجەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى (mujtehid.blogspot.com) تەييارلىدى

[بىر ئايەت]
ئۇلۇغ ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:
﴿وَلِلَّـهِ يَسْجُدُ مَن فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ طَوْعًا وَكَرْهًا وَظِلَالُهُم بِالْغُدُوِّ وَالْآصَالِ ۩ 13:15 (بۇ سەجدە ئايىتىدۇر)
﴿ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىنكى ھەممە مەخلۇقات خالاپ ياكى مەجبۇرى يوسۇندا ئاللاھقا سەجدە قىلىپ بويسۇنىدۇ (مۆمىنلەر ئاللاھقا ئۆزلىرى خالاپ سەجدە قىلىدۇ؛ مۇناپىقلار مۆمىنلەرنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن خالىماستىن سەجدە قىلىدۇ؛ كاپىرلار خالىمىغان رەۋىشتە ئاللاھقا بويۇن ئېگىدۇ). ئۇلارنىڭ (يەنى ئاللاھقا خالىس ئىبادەت قىلىدىغان مۆمىنلەرنىڭ، تېشىدا ئىسلامنى ئاشكارا قىلىپ، ئىچىدە كۇفۇرنى يوشۇرغان مۇناپىقلارنىڭ، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان، ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشنى ئىنكار قىلغان كاپىرلارنىڭ) سايىلىرى (ۋە باشقا جانسىز مەخلۇقاتلارنىڭ سايىلىرى ئاللاھقا باش ئېگىپ) ئەتىگەن-ئاخشامدا ئاللاھقا سەجدە قىلىدۇ.سۈرە رەئد، 15-ئايەت

[بىر ھەدىس]
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إذا قرأ ابن آدم السجدة فسجد اعتزل الشيطان يبكي، يقول "يا ويله، أمر ابن آدم بالسجود فسجد فله الجنة وأمرت بالسجود فعصيت فلي النار)) «ئىنسان  بالىسى سەجدە ئايىتىنى ئوقۇپ سەجدە قىلغىنىدا شەيتان يىغلىغان ھالەتتە ئۇنىڭدىن ئۇزاقلىشىپ مۇنداق دەيدۇ:<ۋاي ئېسىت، ئىنسان بالىسى سەجدىگە بۇيرۇلدى، سەجدە قىلىپ جەننەتكە لايىق بولدى. مەن بولسام سەجدىگە بۇيرۇلۇپ، سەجدە قىلماي دوزاخقا لايىق بولدۇم.» (جامىئۇس سەغىر 791؛ مۇسلىم 81؛ سەھىھ ئىبنى ماجە 871؛ سەھىھ جامىئ 727) 

[بىر دۇئا]
ئى مېھرىبان رەببىم! سەندىن باشقا ھېچبىر ئىلاھ يوقتۇر، سەن پۈتكۈل كائىناتنىڭ پادىشاھىسەن، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە سېنىڭ دىنىڭغا ۋە مۆمىن بەندىلىرىڭگە دۈشمەنلىك قىلغۇچىلاردىن ئىنتىقام ئالغۇچىسەن. ھەممە ئىشلىرىمىزنى ساڭا تاپشۇرۇپ، ساڭىلا تاياندۇق. بىزنى دۇنيا-ئاخىرەتتىن بارچە يامانلىقىدىن ساقلىغىن. ئىسلامنى ۋە مۆمىن بەندىلىرىڭنى ئەزىز قىلغىن، كاپىرلارنى خار قىلغىن. سېنى ھەقىقىي رەۋىشتە تونۇشىمىز ئۈچۈن بىزنى كىتابىڭغا، رەسۇلۇڭغا ۋە سەن ماختىغان رەببانىي ئۆلىمالارغا چىڭ يېپىشىدىغان سائادەتمەن بەندىلەردىن قىلغىن. بىزگە دۇنيادىمۇ، ئاخىرەتتىمۇ ياخشىلىق ئاتا قىلغىن.

مۇجەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى (mujtehid.blogspot.com) تەييارلىدى

  • ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا بىر ياخشىلىقىڭىزنىڭ كۆپۈيىشى، ئىمان، ئىسلامنىڭ ئۈستۈنلۈك قازىنىشى ئۈچۈن تارقىتىپ قويۇڭ.

Yorumlar