ئىبنى قەييىم: زامان-ماكان، شەرت-شارائىتقا ئېتىبار بەرمەستىن پەتىۋا بەرگۈچى ئېزىپ كېتىدۇ
ومَن أفتى الناس بمجرد المنقول في الكتب على اختلاف عُرفهم ، وعوائدهم ، وأزمنتهم ، وأحوالهم ، وقرائن أحوالهم : فقد ضلَّ ، وأضل ، وكانت جنايته على الدِّين أعظم من جناية مَن طبَّب الناس كلهم على اختلاف بلادهم ، وعوائدهم ، وأزمنتهم ، وطبائعهم ، بما في كتابٍ من كتب الطب على أبدانهم ، بل هذا الطبيب الجاهل ، وهذا المفتي الجاهل : أضر ما يكونان على أديان الناس ، وأبدانهم ، والله المستعان .
" إعلام الموقعين " ( 3 / 78 ) .
( ئىبنى قەييۇم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئىنسانلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقى، زامان-ماكانلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقى، ئەھۋاللىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قارىماستىن پەقەت كىتابلاردا قەيت قىلىنغان ئىبارىلەر بويىچە پەتىۋا بەرگەن كىشى ئۆزىمۇ ئېزىپ كېتىدۇ ۋە كىشىلەرنىمۇ ئازدۇرىۋىتىدۇ، بۇنداق پەتىۋا بەرگۈچىنىڭ دىندا ئۆتكۈزگەن جىنايىتى كىشىلەرنىڭ ياشاش شارائىتى، تۇرمۇش ئادىتى ۋە ياشىغان دەۋرىگە قارىماستىن پەقەت تىببى كىتابقا تايىنىپ كېسەل داۋالىغان دوختۇرنىڭ جىنايىتىدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ. بىرى جاھىل تىۋىپ يەنە بىرى جاھىل مۇپتىدۇر. ئالارنىڭ بىرى كىشىلەرنىڭ دىنىغا زىيان يەتكۈزسە يەنە بىرى بەدىنىگە زىيان يەتكۈزگۈچىدۇر.)
ئاللاھ تائالا ھەممەيلەننى توغرىغا يېتەكلىسۇن. ["ئىئلام ئەلمۇۋەققىئىين"3توم 78-بەت].
Yorumlar
Yorum Gönder