ئەشئەرىي ئەقىدىسىدىكى بىرىدىن ئىلىم ئۆگىنىشنىڭ ھۆكمى؟





34531 – سوئال: فىقھى ياكى ھەدىس ئىلمىنى ئەشئەرىي بىرىدىن ئۆگىنىشكە بولامدۇ؟
 «فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى


جاۋاب: بارچە ھەمدۇ – سانا ئاللاھقا خاستۇر.
ئەشئەرىي __ ئىمام ئەبۇ ھەسەن ئەشئەرىي رەھىمەھۇللاھقا نىسبەت بېرىلگەن بىر مەزھەپ (پىرقە) دۇر. شەيخۇلئىسلام ئىبن تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ ئۆزىنىڭ پەتىۋالار توپلىمىدا (4/72) ئېيتقىنىدەك، ئىمام ئەشئەرى ھاياتىدا تۆۋەندىكىدەك ئۈچ باسقۇچنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن:
(1) مۇئتەزىللىك باسقۇچى؛ 
(2) ئىبن كىلابقا ئەگىشىش باسقۇچى؛
(3) ئەھلى سۈننەتكە، ئاساسلىقى ئىمام ئەھمەد ئىبن ھەنبەلگە ئەگىشىش باسقۇچى.
 ئەشئەرى ئۆزىنىڭ ئاخىرقى ئەقىدىۋى ھالىتىنى «رسالة إلى أهل الثغر»، «ومقالات الإسلاميين»، «الإبانة» قاتارلىق ئۈچ كىتابىدا ئوچۇق قەيت قىلغان. ئەشئەرىنىڭ مۇشۇ باسقۇچتىكى قاراشلىرىغا ئەگەشكۈچىلەر نۇرغۇن مەسىلىلەردە ئەھلى سۈننە ۋە جامائەگە ئۇيغۇن يول تۇتقان بولىدۇ. ئۇنىڭ ئىككىنچى باسقۇچتىكى يولىنى تۇتقانلار ئەشئەرىنىڭ ئۆزىگە ۋە ئەھلى سۈننەگە قارشى يول تۇتقان بولىدۇ.

شەيخ ئىبن ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ ئۆزىنىڭ پەتىۋا توپلىمى (3/338) دا مۇنداق دەيدۇ:
كېيىنكىلەر ئارىسىدا ئەبۇ ھەسەن ئەشئەرىگە ئەگەشتۇق دېگۈچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۇنىڭ ئىككىنچى باسقۇچتىكى ئەقىدىسىگە ئەگەشكەن بولۇپ، ئۇلار (ئەشئەرىنىڭ مۇشۇ باسقۇچتىكى قاراشلىرىدىن بىرى بولغان) ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىنكار قىلىپ، پەقەت تۆۋەندىكى يەتتە سۈپەتنىلا قوبۇل قىلىش مېتودىغا ئەگەشكەن. بۇ يەتتە سۈپەت تۆۋەندىكىچە:
(1) مەڭگۈ ياشىغۇچى (2) ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچى (3) ھەممىگە قادىر (4) سۆزلىگۈچى (5) ئىرادە قىلغۇچى (6) ئاڭلىغۇچى (7) كۆرگۈچى
بۇنىڭدىن سىرت، ئۇلار (ئۆزلىرى ئېتىراپ قىلغان) مۇشۇ سۈپەتلەرنى قانداق چۈشىنىش مەسىلىسىدىمۇ ئەھلى سۈننەدىن پەرقلىنىدۇ. 

سەئۇدىي ئىلمىي تەتقىقات – دائىمىي پەتىۋا كومىتېتى ( 3 – جىلىد 220 – بەت 6606 – نومۇرلۇق) پەتىۋاسىدا مۇنداق دېگەن:
ئەشئەرىيلەر كاپىر ئەمەس، ئەكسىچە ئۇلار ئاللاھنىڭ بەزى سۈپەتلىرىنى چۈشەندۈرۈشتە ئېزىپ كەتكەن.

يۇقىرىقىلاردىن چىقىرىلىدىغان خۇلاسە: ھەرقانداق مۇسۇلمان ئىسلام دىنىنى بىلىمى ۋە توغرا ئەقىدىسى بىلەن تونۇلغان ئالىملاردىنلا ئۆگىنىپ، ئەشئەرىيلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىدئەتچى ۋە ئەھلى سۈننەتكە قارشى يول تۇتقانلاردىن يىراق تۇرۇشى لازىم. ئاللاھقا شۈكۈرلەر بولسۇنكى، بۇنداق قىلىش تولىمۇ ئوڭاي. چۈنكى، ھازىر ئۆگىنىش يوللىرى ھەممە ئادەمگە ئاسانلاشتى. ئەھلى سۈننەت ئالىملىرىنىڭ ئىلمىنى پىلاستىنكا، كىتاب – كىتابچە ۋە ئىسلامىي توربەتلەردىن ئۆگىنىش مۇمكىن. بۇ نېمەتلەر ئۈچۈن ئاللاھقا ھەمدۇ – سانا ئېيتىمىز.
ئى ئاللاھ! بىزگە مەنپەئەتلىك ئىلىم ئاتا قىلغىن، بىزنى ئۆگەنگەنلىرىمىزدىن مەنپەئەتلەندۈرگىن، ئىلمىمىزنى زىيادە قىلغىن.
ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.

Yorumlar