تاھارەت ئالغاندا قايسى ئەزانى يۇيسا شۇ ئەزا ئۈچۈن دۇئا قىلىش بىدئەت
تاھارەت ئالغاندا قايسى ئەزانى يۇيسا شۇ ئەزا ئۈچۈن دۇئا قىلىش بىدئەت
ئىمام ئىبنى قەييىم مۇنداق دېگەن: وقال ابن القيم في "المنار المنيف" (45) :
" وأما الحديث الموضوع في الذكر على كل عضو فباطل ”
«تاھارەتتە ھەر ئەزانى يۇغاندا شۇ ئەزا ئۈچۈن زىكىر-دۇئا بايان قىلىنغان ھەدىس باتىلدۇر.» (مەنارۇل مۇنىف 45)
ئىمام نەۋەۋى تاھارەت ئېلىپ ئەزالارنى يۇغاندا دۇئا ئوقۇش توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: وقال النووي عن دعاء الأعضاء في الوضوء : دعاء الأعضاء لا أصل له“ الفتوحات الربانية" (2/27-29) «ئەزالارنى يۇغاندا دۇئا قىلىشنى (دىندا) ئەسلى يوقتۇر.»
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىمكى بىزنىڭ بۇ ئىشىمىزدا (يەنى ئىسلامدا) ئۇنىڭدا يوق نەرسىنى پەيدا قىلىدىكەن، پەيدا قىلىنغان ئۇ ئىش رەت قىلىنىدۇ.»[ صحيح البخاري الصلح (2697) ، صحيح مسلم الأقضية (1718) ، سنن أبو داود السنة (4606) ، سنن ابن ماجه المقدمة (14) ، مسند أحمد بن حنبل (6/256). {من أحدث في أمرنا هذا ما ليس منه فهو رد.}]
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىمكى بىزنىڭ بۇ ئىشىمىزدا يوق ئىشنى قىلسا، ئۇ ئىش رەت قىلىنىدۇ.»[ صحيح مسلم الأقضية (1718) ، مسند أحمد بن حنبل (6/256). {من عمل عملاً ليس عليه أمرنا فهو رد.}]
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«دىندا يېڭىدىن پەيدا بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىدئەتتۇر.»( مۇسلىم 868، ئەبۇ داۋۇد 2954، نەسائى 1962، ئىبنى ماجە 45)
بۇ ۋەجىدىن، تاھارەت ئالغاندا، ھەر بىر ئەزانى يۇيۇپ شۇ ئەزا ئۈچۈن دۇئا قىلىش - مەسىلەن، پۇتىنى يۇغاندا «ئى ئاللاھ پۇتلىرىمنى سىرات كۆۋرىكىدە مۇستەھكەم قىلغىن» دېگەندەك - ئاللاھ بۇيرۇمىغان، رەسۇلۇللاھ قىلمىغان، كېيىنكى چاغلاردا بەزى كىشىلەر ياخشى ھېساپلاپ دىنغا قوشۇۋالغان، دىندا يېڭىدىن پەيدا بولغان بىدئەتتۇر.
- مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى
- مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى
Yorumlar
Yorum Gönder