ئىبادەتلەر ئارقىلىق ئاللاھقا شۈكۈر قىلىش، كۇفۇرلۇق قىلماسلىق ھەققىدە ئايەت، ھەدىس ۋە دۇئا
[ئىككى ئايەت]
ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ:
﴿ وَإِذْ تَأَذَّنَ رَبُّكُمْ لَئِن شَكَرْتُمْ لَأَزِيدَنَّكُمْ ۖ وَلَئِن كَفَرْتُمْ إِنَّ عَذَابِي لَشَدِيدٌ﴾﴿وَقَالَ مُوسَىٰ إِن تَكْفُرُوا أَنتُمْ وَمَن فِي الْأَرْضِ جَمِيعًا فَإِنَّ اللَّـهَ لَغَنِيٌّ حَمِيدٌ ﴾
﴿(مۇسا ئەلەيھىسسالام قەۋمىگە شۇنداق دېدى) ئەسلەڭلاركى، ئۆز ۋاقتىدا رەببىڭلار سىلەرگە «ئەگەر (تەۋھىد ۋە تائەت-ئىبادەت ئارقىلىق) ماڭا شۈكۈر قىلساڭلار، سىلەرگە (نېمىتىمنى) تېخىمۇ ئاشۇرۇپ بېرىمەن. ئەگەر (كۇفۇرلۇق ۋە گۇناھلىق ھارام قىلمىشلارغا بەنت بولۇش بىلەن ماڭا) ناشۈكۈرلۈك قىلساڭلار، (تەۋھىد ئەھلى بولۇشتىن باش تارتىپ، كۇفۇر ۋە ماڭا ئاسىيلىق قىلىش يولىنى تۇتۇۋالغۇچىلارغا) مېنىڭ ئازابىم ھەقىقەتەنمۇ بەك قاتتىقتۇر» دەپ جاكارلىغان ئىدى.﴾ ﴿مۇسا ئېيتتى: ئەگەر سىلەر ۋە يەر يۈزىدىكى بارچە ئىنسانلار كاپىر بولۇپ كەتسەڭلارمۇ (ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيسىلەر.) ئاللاھ چەكسىز بايدۇر (بەندىلىرىدىن بىھاجەتتۇر)، مەدھىيگە لايىقتۇر (ئاللاھ ئۆزى ياراتقان مەخلۇقاتلىرى تەرىپىدىن مەدھىيلىنىپ تۇرغۇچىدۇر.)﴾ (سۈرە ئىبراھىم، 7-،8-ئايەتلەر) 14:7، 14:8
[ئىككى ھەدىس]
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: (من أتى عرافا أو كاهنا فصدقه بما يقول فقد كفر بما أنزل على محمد) «كىم پالچىغا ياكى باخشىغا بېرىپ، ئۇنىڭ سۆزلىگەنلىرىگە ئىشەنسە، مۇھەممەدكە نازىل قىلىنغانغا كاپىر بولىدۇ.» (جامىئۇس سەغىر 8285؛ سەھى جامىئ 5939؛ تەخرىج سۈنەن ئەبۇ داۋۇد لىلئەرنائۇت 6\50؛ سەھىھ ھەدىس)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: (إذا أسلم العبد فحسن إسلامه يكفر الله عنه كل سيئة كان زلفها، وكان بعد ذلك القصاص: الحسنة بعشر أمثالها إلى سبعمائة ضعف، والسيئة بمثلها إلا أن يتجاوز الله عنها) «كىشى ئىسلامغا كىرىپ، ئاللاھقا ياخشى ئىبادەت قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭ بۇرۇنقى گۇناھلىرىنى مەغفرەت قىلىۋېتىدۇ. مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىنكى ھەر ئەمىلىگە مۇكاپات ياكى جازا بېرىدۇ. ياخشى ئەملىگە ئون ھەسسىدىن يەتتە يۈز ھەسسىگىچە ساۋاب بېرىلىدۇ، يامان ئەمىلىگە بولسا — ئۇ يامان ئەمەلنى ئاللاھ مەغفىرەت قىلىۋەتمىگەن تەقدىردە — شۇ ئەمىلىنىڭ باراۋىرىدە جازا بېرىلىدۇ.» (جامىئۇس سەغىر 438؛ بۇخارى-مۇئەللەق؛ ئەلبانى-سەھىھ جامىئ 337؛ سەھىھ ھەدىس)
[بىر دۇئا]
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: (ذا أصبحتم فقولوا اللَّهمَّ بك أصبحنا وبك أمسينا وبك نحيا وبك نموتُ وإليك المصيرُ.) «تاڭ ئاتقۇزغىنىڭلاردا مۇنداق دەڭلار: ئاللاھىم! سېنىڭ لۇتفۇڭ بىلەن تاڭ ئاتقۇزدۇق، سېنىڭ لۇتفۇڭ بىلەن كەچ قىلىمىز، سېنىڭ لۇتفۇڭ بىلەن تىرىلىمىز، سېنىڭ قۇدرىتىڭ بىلەن ئۆلىمىز ۋە سېنىڭ دەرگاھىڭغا قايتىمىز.» (جامىئۇس سەغىر 455؛ تىرمىزى 3391؛ ۋادىئى-سەھىھ مۇسنەد ئەھمەد 1416؛ سەھىھ ھەدىس)
مۇجەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى (mujtehid.blogspot.com) تەييارلىدى
* ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا بىر ياخشىلىقىڭىزنىڭ كۆپۈيىشى، ئىمان، ئىسلامنىڭ ئۈستۈنلۈك قازىنىشى ئۈچۈن تارقىتىپ قويۇڭ.
Yorumlar
Yorum Gönder