مۇھەممەد قۇتۇپ: سوپىزىمنىڭ ھەرقانداق ئىشى باتىل
مۇھەممەد قۇتۇپ: سوپىزىمنىڭ ھەرقانداق ئىشى باتىل
مۇھەممەد قۇتۇپنىڭ «مۇسۇلمانلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى» ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى
سوپىزىمغا يەھۇدىيلارنىڭ، ناسارالارنىڭ، مەجۇسىيلارنىڭ ۋە ھىندىلارنىڭ پىكىرلىرى ئارىلىشىپ كەتكەن.
سوپىزىم ئىسلامنىڭ توغرا يولىدىن چەتنىگەن بىر ئازغۇنلۇق.
سوپىزىمدىكى پاسسىپلىق، ئۆزىنى چەتكە ئېلىش، دۇنيا بىلەن كارى بولماسلىق ئىسلامنىڭ جۈملىسىدىن ئەمەس.
سوپىزىم ماھىيەتتە رېئاللىق بىلەن كۈرەش قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، خىيالدىن ياسالغان «خۇسۇسىي دۇنيا» غا قېچىپ بېرىپ، خىيالىي ھالدىكى ئاللاھقا يېقىنلىشىش تۇيغۇسى بىلەن ھورۇزلىنىپ، خىيال دۆۋىسىگە قانائەتلىنىپ، ئەمەل يولىنى قىسقارتىشتىن ئىبارەت.
سوپىزىم بۇ دۇنيادا جاپالىق ئەمگەك قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ. ئازغۇنلۇق بىلەن كۈرەش قىلىپ، ئۇنى توغرا يولغا قايتۇرۇشتىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ.
ئاللاھقا يېقىنلاشتۇق، ئاللاھقا يەتتۇق، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ياشاۋاتىمىز، ئاللاھنىڭ نۇرىدا ئۈزىۋاتىمىز دېگەندەك خىيالىي تۇيغۇلار بىلەن يۈرىدۇ. ئۇلار بۇ دۇنيادا ھېچنەرسە يوق دەپ قارىغاچقا، باشقا ئىشلارغا ئىنتىلمەيدۇ.
كىشىلەرنىڭ ئادالەتنى بەرپا قىلىشى (سوپىزىم مەستى مۇستەغرەق بولۇپ كەتكەن) قۇرۇق ئارزۇ ۋە غايىۋىي قىزىقىشلار بىلەنلا ۋۇجۇدقا چىقمايدۇ. دۇنيادا ھېچقانداق ئىش قۇرۇق ئارزۇ ۋە قىزىقىش بىلەنلا پۈتمەيدۇ. قىزىقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئارزۇنى ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ.
دىنىي ھەرىكەتنىڭ خۇلاسىسى (ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ بوينىدىكى پەرز) بولغان ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇش رېئاللىقتا ئەمەلىي تىرىشچانلىق كۆرسىتىش بىلەن ۋە ھاياتلىقنىڭ ئىشلىرىغا ئىجابىي پوزىتسىيە تۇتۇش بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان بىر ھەرىكەتتۇر.
سوپىزىم بىلەن ئىسلام ئوتتۇرىسىدا يول ئايرىلىپ كېتىدۇ. سوپىزىم (شەرىئەت بەلگىلىگەن ئەمەل ئىبادەت، ھۇدۇد-پاسىللاردىن) پاسسىپلىق بىلەن ئۆزىنى تارتىشتۇر.
سوپىزىم رېئاللىقنى ناچار پېتى تاشلاپ قويىدۇ، ئىسلاھ قىلمايدۇ. رېئاللىقتىن ئىسلاھ قىلىشتىن ئۆزى قاچۇرىدۇ.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم قىيامەت قايىم بولغۇچە (ھەممىلا ئىشتا) مۇسۇلمانلارنىڭ ئۈلگىسىدۇر. بۇ ھەقتىكى دىنىمىزنىڭ ئەمەلىي كۆرسەتمىسى شۇكى «سىلەرگە ئاللاھنى، ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلغان ۋە ئاللاھنى كۆپ ياد ئەتكەنلەرگە رەسۇلۇللاھ ئەلۋەتتە ياخشى ئۈلگىدۇر.» (سۈرە ئەھزاب 21-ئايەت)
سوپىلار «ئاللاھنى، ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلىمىز ۋە ئاللاھنى كۆپ ياد ئېتىمىز دەيدۇ-يۇ، نېمىشقا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئىجابىيلىقىنى، ئەمەلىيەتچانلىقىنى، ئاكتۇئاللىقىنى، يامان رېئاللىققا تاقابىل تۇرۇپ ۋە ئۇنى يوقىتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا توغرا رېئاللىق قۇرۇپ چىققانلىقىنى (جۈملىدىن ھەر بىر ئىشىنى) ئۈلگە قىلمايدۇ؟
مانا بۇ ئىسلام بىلەن سوپىزىمنىڭ پەرقى. ئىسلام ئىجابىي، سوپىزىم سەلبىي.
سوپىزىم تەۋەككۇل قىلىشنىڭ ئورنىغا بەل قويىۋېتىدۇ. ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىش ھەقىقىي ئىماننىڭ جۈملىسىدىندۇر. تەۋەككۇل قىلىش قۇرئان كەرىمدە ئىمانغا باغلىنىپ كېلىدۇ:«مۇئمىنلار يالغۇز ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلسۇن.(سۈرە ئال ئىمران 160-ئايەت)
سوپىزىمنىڭ ھەرقانداق ئىشى سەلبىي. جۈملىدىن، تەۋەككۇل قىلىش دەپ ئاتىۋالغىنىمۇ سەۋەب قىلىشتىن يالتىيىشنىڭ باھانىسى، بەل قويۇۋېتىشنىڭ چارىسى. بەل قويىۋېتىش قازا ۋە قەدەر ۋە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئىجابىي ئەقىدىلەرنى بۇزۇپ، ئۇنى سەلبىي ئەقىدىلەر، رېئاللىق ئالدىدا پاسسىپلارچە قول قوپۇشتۇرۇپ تۇرۇشقا، رېئاللىقنى ئۆزگەرتىشكە ئورۇنماسلىققا ئايلاندۇرۇۋەتتى.
سوپىزىمدىكى پىر مۇرتنىڭ نەزىرىدە شۇ دەرىجىدە ئۇلۇغلىنىدۇكى، پىر ئەمەلىيەتتە مۇرت بىلەن ئاللاھ ئوتتۇرىسىدىكى ۋاسىتىگە ئايلىنىپ قالىدۇ (بۇ سېپى ئۆزىدىن ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشتۇر). بۇخاتالىق يۇقارقى خاتالىقلارغا قوشۇلسا، سوپىزىمنىڭ ئىسلامنىڭ تۈپكى يولىدىن قانچىلىك دەرىجىدە چەتنەپ كەتكەنلىكى، ئىسلامنىڭ غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا ئىلاھىي كۆرسەتمە بويىچە ماڭماي، ئىسلام دنىغا يات نەرسىلەرنى قانچىلىك دەرىجىدە قوشۇۋالغانلىقى ئاشكارىلىنىدۇ. سوپىلار «روھنى پاكلايمەن» دەپ ھاياتلىق كارۋىنىدىن ئايرىلىپ بىر چەتكە چىقىۋالغان سەلبىي ئادەملەردۇر.
(يۇقارقىلارنىڭ ھەممىسى مۇھەممەد قۇتۇپنىڭ سۆزى بولۇپ، بۇلار مۇھەممەد قۇتۇپنىڭ «مۇسۇلمانلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى» ناملىق ئەسىرىنىڭ 175-بەتلىرىدىن، 190-بەتلىرىگىچە بولغان مەزمۇنلاردىن ئېلىندى)
Yorumlar
Yorum Gönder