بالا-مۇسىبەت ھەققىدە بىر ئايەت، بىر ھەدىس، بىر دۇئا
بالا-مۇسىبەت ھەققىدە بىر ئايەت، بىر ھەدىس، بىر دۇئا
مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى (mujtehid.blogspot.com) تەييارلىدى
[بىرئايەت]
ئۇلۇغ رەببىمىز ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئالا قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ:
﴿وَلَنَبْلُوَنَّكُم بِشَيْءٍ مِّنَ الْخَوْفِ وَالْجُوعِ وَنَقْصٍ مِّنَ الْأَمْوَالِ وَالْأَنفُسِ وَالثَّمَرَاتِ ۗ وَبَشِّرِ الصَّابِرِينَ (١٥٥) الَّذِينَ إِذَا أَصَابَتْهُم مُّصِيبَةٌ قَالُوا إِنَّا لِلَّـهِ وَإِنَّا إِلَيْهِ رَاجِعُونَ (١٥٦) ﴾ 2:155، 2:156
﴿بىز سىلەرنى (دۈشمەنلىرىڭلار ئارقىلىق) قورقۇنچ بىلەن، (بىر ئاز) ئاچلىق (يەنى قەھەتچىلىك) بىلەن، ماللىرىڭلارغا (كېلىدىغان ۋەيرانچىلىق ياكى زىيان بىلەن)، جانلىرىڭلارغا (يېتىدىغان كېسەل-ئاغرىق؛ بالا-چاقا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭلارغا كېلىدىغان ئۆلۈم ياكى ئۇلاردىن ئايرىلىپ قېلىش، ۋەياكى شەھىد قىلىنىش بىلەن)، زىرائەتلىرىڭلارغا يېتىدىغان زىيان بىلەن چوقۇم سىنايمىز. (ئى پەيغەمبەر! بېشىغا كەلگەن مۇسىبەت، زىيان-زەخمەتلەرگە) سەبر قىلغۇچىلارغا (ئۇلارنى خۇشال قىلىدىغان بىر ئىش بىلەن — دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى ياخشى ئاقىۋەت بىلەن) خۇش خەۋەر بەرگىن.(155) (سەبر قىلغۇچى مۆمىنلەرنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى شۇكى،) ئۇلارغا بىرەر مۇسىبەت كەلگەن چاغدا، ئۇلار: «بىز ئەلۋەتتە ﷲنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىمىز (يەنى اﷲ نىڭ بەندىلىرىمىز ۋە ھەممە نەرسىمىز ئاللاھنىڭدۇر؛ بىز ئاللاھنىڭ ئەمرى ۋە ئىرادىسى ئاستىدىمىز، ئاللاھ بىزگە خالىغىنىنى قىلىدۇ)، بىز (ئۆلۈش، ئاندىن ئاللاھنىڭ جازا ياكى مۇكاپات بېرىشى ئۈچۈن تىرىلدۈرۈلۈش ئارقىلىق) ﷲ نىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز» دەيدۇ (156).﴾ (سۈرە بەقەرە، 155-، 156-ئايەتلەر)
[بىر ھەدىس]
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:((عِظَمُ الْجَزَاءِ مَعَ عِظَمِ الْبَلاَءِ وَإِنَّ اللَّهَ إِذَا أَحَبَّ قَوْمًا ابْتَلاَهُمْ فَمَنْ رَضِيَ فَلَهُ الرِّضَا وَمَنْ سَخِطَ فَلَهُ السُّخْطُ)) «(مۆمىنلەرگە كەلگەن) بالا-مۇسىبەت قانچە چوڭ بولسا، ئۇنىڭغا بېرىلىدىغان ساۋابمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ. ئاللاھ بىر قەۋمنى ياخشى كۆرسە ئۇلارنى بالا-مۇسىبەتلەر بىلەن سىنايدۇ. كىمكى ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن بالا-مۇسىبەتكە رازىلىق بىلدۈرسە، ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىدۇ. كىمكى بالا-مۇسىبەتتىن نارازى بولسا، ئاللاھنىڭ غەزىپى ئۇنىڭغا بولىدۇ.» (تىرمىزى 2396؛ سەھىھ ئىبنى ماجە 3272؛ سەھىھ تەرغىب 3407، تەخرىج مىشكات مەسابىھ 2\169 سەھىھ ھەدىس،)
[بىر دۇئا]
مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: ((سمعت رسول الله صلى الله عليه وسلم يقول : ما من مسلم تصيبه مصيبة فيقول ما أمره الله " إنا لله وإنا إليه راجعون ، اللهم أجرني في مصيبتي وأخلف لي خيراً منها " إلا أخلف الله له خيراً منها )) «مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم:«بالا-مۇسىبەتكە ئۇچرىغان قانداقلىكى بىر مۇسۇلمان ئاللاھنىڭ بۇيرۇغىنىدەك <ئىننا لىللاھى ۋە ئىننا ئىلەيھى راجىئۇن، ئاللاھۇممە ئۇجۇرنى فىي مۇسىبەتى، ۋەخلۇف لى خەيران مىنھا>-شەكسىزكى بىز ئاللاھنىڭ ئېگىدارچىلىقىدىمىز، بىز ئاللاھقا قايتقۇچىلارمىز؛ ئى ئاللاھىم، ماڭا كەلگەن مۇسىبەت ئۈچۈن ماڭا ساۋاب بەرگىن، ماڭا بۇ مۇسىبەتتە ئايرىلغىنىمدىنمۇ ياخشىسىنى بەرگىن- دېسە، ئاللاھ ئۇنىڭغا مۇسىبەتتە ئايرىلغىنىدىنمۇ ياخشىسىنى ئاتا قىلىدۇ.» (سەھىھ مۇسلىم 918)
* ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا بىر ياخشىلىقىڭىزنىڭ ئاۋۇشى ئۈچۈن، ئىمان، ئىسلامنىڭ ئۈستۈنلۈك قازىنىشى ئۈچۈن تارقىتىپ قويۇڭ.
مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى (mujtehid.blogspot.com) تەييارلىدى
مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى (mujtehid.blogspot.com) تەييارلىدى
Yorumlar
Yorum Gönder