ئاللاھنىڭ پىچىرلاشقانلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ تۇرىدىغانلىقى، سۆزلىسە ياخشى سۆز قىلىش كېرەكلىكى توغرىسىدا ئايەت، ھەدىس ۋە ھۆكۈم
ئاللاھنىڭ پىچىرلاشقانلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ تۇرىدىغانلىقى، سۆزلىسە ياخشى سۆز قىلىش كېرەكلىكى توغرىسىدا ئايەت، ھەدىس ۋە ھۆكۈم
مۇجەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى (mujtehid.blogspot.com) تەييارلىدى
[بىر ئايەت]
ئۇلۇغ رەببىمىز ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ:
﴿أَلَمْ تَرَ أَنَّ اللَّـهَ يَعْلَمُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ ۖ مَا يَكُونُ مِن نَّجْوَىٰ ثَلَاثَةٍ إِلَّا هُوَ رَابِعُهُمْ وَلَا خَمْسَةٍ إِلَّا هُوَ سَادِسُهُمْ وَلَا أَدْنَىٰ مِن ذَٰلِكَ وَلَا أَكْثَرَ إِلَّا هُوَ مَعَهُمْ أَيْنَ مَا كَانُوا ۖ ثُمَّ يُنَبِّئُهُم بِمَا عَمِلُوا يَوْمَ الْقِيَامَةِ ۚ إِنَّ اللَّـهَ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمٌ﴾
﴿ئاللاھنىڭ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسىنى بىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلمەمسەن؟ ئۈچ كىشى مەخپىي پىچىرلاشسا، ئاللاھ (ھەممە نەرسىنى قورشاپ تۇرغان ئىلمى بىلەن) ئۇلارنىڭ تۆتىنچىسىدۇر (ئاللاھ مەخلۇقاتتىن ئايرىمدۇر ۋە بارچە مەخلۇقاتنىڭ ئۈستىدۇر). بەش كىشى مەخپىي پىچىرلاشسا، ئاللاھ (ھەممە نەرسىنى قورشاپ تۇرغان ئىلمى بىلەن) ئۇلارنىڭ ئالتىنچىسىدۇر. مەيلى بۇنىڭدىن ئاز ياكى كۆپ ئادەم پىچىرلاشسۇن ، ئۇلار قەيەردىلا بولسۇن، ئاللاھ (ئۆز ئىلمى بىلەن) ئۇلار بىلەن بىللىدۇر. (ئۇلارنىڭ پىچىرلىشىشلىرىدىن تارتىپ دىلىغا پۈككەنلىرىگىچە ۋە قىلمىشلىرىغىچە ھېچبىر ئىش ئاللاھنىڭ بىلىپ ۋە كۆرۈپ تۇرۇشىدىن مەخپىي ئەمەس.) ئاندىن، قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇلارغا (ياخشى ياكى يامان) قىلمىشلىرىنى (تولۇقى بىلەن) ئېيتىپ بېرىدۇ. شۈبىھسىزكى، ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر.﴾ (58-سۈرە مۇجادەلە، 7-ئايەت) 58:7
[بىر ھەدىس]
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((من كان يؤمن بالله واليوم الآخر، فليقل خيرًا، أو ليصمت))«كىمكى ئاللاھقا ۋە قىيامەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقانلاردىن بولسا، ياخشى سۆز قىلسۇن، بولمىسا جىم تۇرسۇن.» (بۇخارى 5994؛ مۇسلىم 67؛ سالىھلار باغچىسى 1511)
[بىر ھۆكۈم]
ئىمام نەۋەۋى مۇنداق دېگەن: (وهذا صريح أنه ينبغي أن لا يتكلم إلا إذا كان الكلام خيرًا، وهو الذي ظهرت مصلحته، ومتى شك في ظهور المصلحة، فلا يتكلم.) بۇ ھەدىس سۆزنىڭ ياخشى سۆز بولغاندىلا ئاندىن سۆزلىنىشى كېرەكلىكىگە ئېنىق دەلىل بولىدۇ. ياخشى سۆز دېگەن پايدىسى ئېنىق بولغان سۆزدۇر. پايدىسى بولۇش ياكى بولماسلىقى توغرىسىدا ئىككىلىنىلگەن سۆز سۆزلەنمەسلىكى كېرەك.
ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھنىڭ بۇ ھەدىسنىڭ شەرھىدە ئېيتقانلىرىدىن بەزىلىرى تۆۋەندىكىچە: سۆزنىڭ ياخشى بولىشى ئىككى شەكىلدە بولىدۇ.
بىرىنچى: ئەسلى زاتىدىنلا ياخشى ھېسابلىنىدىغان سۆز. مەسىلەن، قۇرئان كەرىم ئوقۇش، تەسبىھ ئېيتىش، تەكبىر ئېيتىش، لائىلاھە ئىللەللاھ ۋە باشقا زىكىرلەر، ئىلىم ئۆگىنىش... (قاتارلىقلار)
ئىككىنجى: سۆزنىڭ ئۆزى ياخشى سۆز ھېسابلانماستىن (مۇباھ) ھېسابلىنىدىغان، شۇ سۆزدىن كېلىدىغان نەتىجە ياخشىلىق بولىدىغان سۆز. بۇ مۇباھ ھېسابلانغان بىر سۆزنىڭ پايدىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشى ھېسابلىنىدۇ. (مەسىلەن) يېنىڭدا ئولتۇرغان كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنىڭ ئىللىشىغا، خوش بولۇشىغا ۋە ئارىسدا دوستلۇقنىڭ ئورنىتىلىپ، يېيىلىشىغا سەۋەب بولىدىغان سۆزلەر.... (مۇشۇ تۈردىندۇر.) چۈنكى، ئىنسان بىر يەردە ئولتۇرغاندىن باشلاپ تاكى ئايرىلغۇچە گەپ قىلماي جىم تۇرۇۋالسا، كىشىلەر ئۇنىڭدىن زېرىكىدۇ، ئۇنى ياخشى كۆرمەيدۇ ۋە «بۇ ئادەم بەك توڭ، چىرايلىق پاراڭلىشىشنى بىلمەيدۇ» دەيدۇ. مۇباھ ھېسابلانغان گەپلەرنى دېيىشىڭ قېرىنداشلىق رىشتىسىنىڭ كۈچىيىشىگە پايدىسى بولىدۇ. ئەمما، بۇ يەردە شۇنىڭغا دىققەت قىلىنىشى كېرەككى، ئىنسانلارنى كۈلدۈرۈش ئۈچۈن يالغان سۆزلەش توغرا ئەمەس. چۈنكى، بۇ ھەقتە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىشىلەرنى كۈلدۈرۈش ئۈچۈن يالغان سۆزلىگۈچىنىڭ ھالىغا ۋاي، ھالىغا ۋاي، ھالىغا ۋاي.» (مۇسنەد ئەھمەد 5\7؛ ئەبۇ داۋۇد 4388؛ تىرمىزى 2237)(ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن «سالىھلار باغچىسى شەرھى»5\90)
مۇجەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى (mujtehid.blogspot.com) تەييارلىدى
- ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا بىر ياخشىلىقىڭىزنىڭ كۆپۈيىشى، ئىمان، ئىسلامنىڭ ئۈستۈنلۈك قازىنىشى ئۈچۈن تارقىتىپ قويۇڭ.
Yorumlar
Yorum Gönder