ئاخىرەتنى ئۇنتۇپ، دۇنياغا مەپتۇن بولغانلار ھەققىدە ئايەت، ھەدىس ۋە دۇئا



 
ئاخىرەتنى ئۇنتۇپ، دۇنياغا مەپتۇن بولغانلار ھەققىدە ئايەت، ھەدىس ۋە دۇئا
مۇجەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى (mujtehid.blogspot.com) تەييارلىدى
 
[ئىككى ئايەت]
ئۇلۇغ رەببىمىز ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئالا قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ:
﴿مَّن كَانَ يُرِيدُ الْعَاجِلَةَ عَجَّلْنَا لَهُ فِيهَا مَا نَشَاءُ لِمَن نُّرِيدُ ثُمَّ جَعَلْنَا لَهُ جَهَنَّمَ يَصْلَاهَا مَذْمُومًا مَّدْحُورًا ﴾﴿وَمَنْ أَرَادَ الْآخِرَةَ وَسَعَىٰلَهَا سَعْيَهَا وَهُوَ مُؤْمِنٌ فَأُولَـٰئِكَ كَانَ سَعْيُهُم مَّشْكُورًا ﴾
﴿تېز ئۆتۈپ كەتكۈچى دۇنيانىلا كۆزلەيدىغان (بايلىق، نام-شۆھرەت، ياكى ھوقۇق مەنپەئەت قاتارلىقلارغا ئېرىشىش ھەلەكچىلىكىدىلا ياشايدىغان، ئاللاھنى ۋە ئاخىرەتنى ئۇنتۇپ، ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان سالىھ ئەمەللەرنى قىلىشقا كۈچىمەيدىغان كىشى) لەردىن ئۆزىمىز خالىغان كىشىگە (ئۇنىڭ كۆزلىگەنلىرى ئىچىدىن) ئۆزىمىز خالىغاننى تېزلا بېرىمىز. ئاندىن، (ئاخىرەتتە) ئۇنى ئەيىپلىنىپ-سۆكۈلگەن ۋە (ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن) قوغلانغان ھالەتتە جەھەننەمگە تاشلايمىز. (بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئۇ ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىشتىن، ئۇنى رازى قىلىدىغان ئەمەللەرنى قىلىشتىن باش تارتىپ، دۇنياغا قۇل بولۇپ، ئاللاھنىڭ ۋە رەسۇلى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىنى بەجا كەلتۈرمىگەندۇر).﴾ ﴿كىمكى (ئاللاھ بەلگىلىگەن ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئېلىپ كەلگەن شەرىئەتكە مەھكەم يېپىشىدىغان) مۆمىنلەردىن بولغان ھالدا، ئاخىرەت (تە پەيغەمبەرلەر، سىددىقلار ۋە شەھىدلەر قاتارىدا نازۇ-نىمەتلىك جەننەتكە كىرىشنى) نى كۆزلىسە، (ئاللاھنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ كۆرسەتمىسىگە بويسۇنغان، قىلغان ئەمەللىرىگە ئاللاھنىڭ بۈيۈك مۇكاپات بېرىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن ھالدا) سالىھ ئەمەللەرنى قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسەتسە، بۇنداق كىشىلەرنىڭ (ئاللاھ يولىدا) كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى (ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا) قوبۇل بولىدۇ (ۋە قىلغان ئەمەللىرىنىڭ مۇكاپاتى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئۇلارنى كۈتۈپ تۇرىدۇ.).﴾  (سۈرە ئىسرا 18-، 19-ئايەتلەر)[17:18، 17:19]

[ئىككى ھەدىس]
پەيغەمبەر سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إن الله تعالى يبغض كل عالم بالدنيا جاهل بالآخرة))«ئاللاھ تائالا دۇنيا ئىشلىرىنى بەك بىلىدىغان، ئاخىرەت ئەمەللىرىدە جاھىل بولغان بارچە كىشىگە غەزەب قىلىدۇ.»(سۇيۇتى-جامىئۇس سەغىر 1856؛ ئەلبانى-سەھىھ جامىئ 1879؛ زەھەبى-مۇھەززىب 8\4201؛ ئىبنى ھىببان-سەھىھ ئىبنى ھىببان 72؛ سەھىھ ھەدىس)

پەيغەمبەر سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إن الله تعالى يبغض كل عالم بالدنيا جاهل بالآخرة))«دۇنياغا لەنەت قىلىنغان، دۇنيادىكى نەرسىلەرگىمۇ لەنەت قىلىنغاندۇر. پەقەت ئاللاھنىڭ زىكرى، ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان ئىشلار، رەسۇلللاھقا قەتئىي ئەگەشكەن ئالىم ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ ئىزىدىن ماڭغان ئىلىم ئۆگەنگۈچى بۇ لەنەتكە دۇچار بولمايدۇ.»(سۇيۇتى-جامىئۇس سەغىر 1967؛ رىيازۇس سالىھىن 1384؛ سەھىھ ئىبنى ماجە 3336؛ سەھىھ جامىئ‍ 1609؛ سەھىھ ھەدىس)


[بىر دۇئا]
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ((كانَ أكْثَرُ دُعَاءِ النبيِّ صَلَّى اللهُ عليه وسلَّمَ: اللَّهُمَّ رَبَّنَا آتِنَا في الدُّنْيَا حَسَنَةً، وفي الآخِرَةِ حَسَنَةً، وقِنَا عَذَابَ النَّارِ))«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم <ئاللاھۇممە رەببەنا ئاتىنا فىد دۇنيا ھەسەنەتەن، ۋە فىل ئاخىرەتى ھەسەنەتەن، ۋەقىنا ئازابەن نار- رەببىمىز، بىزگە دۇنيادىمۇ، ئاخىرەتتىمۇ ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، بىزنى جەھەننەم ئازابىدىن ساقلىغىن> دېگەن دۇئانى كۆپ قىلاتتى.» (سەھىھ بۇخارى 6389)

مۇجەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى (mujtehid.blogspot.com) تەييارلىدى

ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا بىر ياخشىلىقىڭىزنىڭ كۆپۈيىشى، ئىمان، ئىسلامنىڭ ئۈستۈنلۈك قازىنىشى ئۈچۈن تارقىتىپ قويۇڭ.

Yorumlar