ئىبنى ئۇسەيمىن: كۇفۇر دىيارىغا ساياھەت ئۈچۈن بېرىش دۇرۇس ئەمەس
كۇفۇر دىيارىغا ساھايەت قىلىش ئۈچۈن بېرىش دۇرۇس ئەمەس. چۈنكى، بۇنداق قىلىشتا دىنى ۋە ئەخلاقى زىيانغا ئۇچرايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، كاپىرلارنىڭ يۇرتىغا ساياھەت ئۈچۈن بېرىش پۇل-مالنى زايە قىلىش ۋە كاپىرلارنىڭ ئىقتىسادىنى كۈچەيتىش دېمەكتۇر. ھالبۇكى، بىز كۈچىمىز يەتكەنلىكى دائىرىدە كاپىرلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىشقا بۇيرۇلدۇق. ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:{ئى ئاللاھنىڭ شەرىئىتىگە قۇرئان ۋە سۈننەتتە كۆرسىتىلگىنى بويىچە ئەمەل قىلىدىغان مۆمىنلەر! ئۆزۈڭلارغا يېقىن بولغان كاپىرلارغا قارشى ئۇرۇشۇڭلار، ئۇلار سىزنى قاتتىق ھېس قىلسۇن. بىلىڭلاركى، ئاللاھ تەقۋادارلار بىلەن بىللىدۇر.}(تەۋبە سۈرىسى، 123-ئايەت) {كاپىرلارغا قارشى ئۇرۇشىدىغان ۋە كۈرەش قىلىدىغان مۆمىنلەرنىڭ كاپىرلارنى غەزەپلەندۈرىدىغان بىر يەرگە قەدەم بېسىشى ۋە دۈشمەنگە قارشى زەپەر قازىنىشى …. چوقۇمكى ئۇلار ئۈچۈن ساۋابلىق ئەمەل سۈپىتىدە يېزىلىدۇ.}(تەۋبە سۈرىسى، 120-ئايەت) مەيلى خىرىستىئان بولسۇن، مەيلى يەھۇدى بولسۇن، ياكى دىنسىز ئاتېئىست بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ، ئاللاھنىڭ كىتابىنىڭ، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ۋە بارچە مۆمىنلەرنىڭ دۈشمىنىدۇر. ئۇلار قانداق تون بىلەن ئۆزىنى پەردازلىۋالسۇن، بەرىبىر دۈشمەندۇر. بۇ سەۋەبلىك، كۇفۇر دىيارىغا ساياھەت ئۈچۈن بارغانلار گۇناھلىق ئىش قىلغان بولىدۇ. كاپىرلارنىڭ دىيارغا ساھايەت ئۈچۈن بېرىشتا سەرپ قىلىنغان ھەر قانداق پۇل پارامدۇر، پۇل-مالنى بۇزۇپ چېچىشتۇر. بۇنى قىلغانلار خالىغىنچە سەيلە قىلالمايدىغان، ئالدىدا ئۆزىنىڭ قىلغان ئىشلىرىدىن باشقىنى كۆرەلمەيدىغان قىيامەت كۈنىدە، بۇ قىلمىشى ئۈچۈن ھېسابقا تارتىلىدۇ. (ئەسىرىمىزنىڭ ھەجمىنى ئامال قىسقا تۇتۇش غايىمىز سەۋەبلىك، پەتىۋانىڭ داۋامى قىسقارتىلدى. تولۇق نۇسخىسى ئۈچۈن ئەسلى ئەسەلگە قارالسۇن-تەرجىماندىن)
كۇفۇر دىيارىغا ئىسلامىي دەۋەت ئۈچۈن بېرىش، ئىسلام دىيارىدا داۋالىنىشى مۇمكىن بولمىغان كېسىلىنى داۋالاش ئۈچۈن بېرىش، تىجارەت ئۈچۈن بېرىش جائىزدۇر. (ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن: رىيازۇس سالىھىن شەرھى، 1-نومۇرلۇق ھەدىسنىڭ شەرھىدىن فۇرقان دەۋەت مەركىزى تەرجىمە قىلدى)
Yorumlar
Yorum Gönder