ئايەتۇل كۇرسىنىڭ تەرجىمىسى، ئاللاھنىڭ ئۈستۈنلۈكى ۋە ئېغىرچىلىقتا ئوقۇلىدىغان دۇئا



ئايەتۇل كۇرسىنىڭ تەرجىمىسى، ئاللاھنىڭ ئۈستۈنلۈكى ۋە ئېغىرچىلىقتا ئوقۇلىدىغان دۇئا

مۇجەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى (mujtehid.blogspot.com) تەييارلىدى

[بىر ئايەت]
ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ:
﴿اللَّـهُ لَا إِلَـٰهَ إِلَّا هُوَ الْحَيُّ الْقَيُّومُ ۚ لَا تَأْخُذُهُ سِنَةٌ وَلَا نَوْمٌ ۚ لَّهُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ ۗ مَن ذَا الَّذِي يَشْفَعُ عِندَهُ إِلَّا بِإِذْنِهِ ۚ يَعْلَمُ مَا بَيْنَ أَيْدِيهِمْ وَمَا خَلْفَهُمْ ۖ وَلَا يُحِيطُونَ        بِشَيْءٍ مِّنْ عِلْمِهِ إِلَّا بِمَا شَاءَ ۚ وَسِعَ كُرْسِيُّهُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ ۖ وَلَا يَئُودُهُ حِفْظُهُمَا ۚ وَهُوَ الْعَلِيُّ الْعَظِيمُ﴾

﴿ئاللاھ ئىبادەت ۋە قۇلچىلىققا لايىقلىقتا ئۆزىدىن باشقا ئىلاھ بولمىغان زاتتۇر. ئاللاھ  بارچە ئۈستۈن ۋە مۇكەممەل سۈپەتلەرگە ئىگە، ئەزەلدىن ۋە ئەبەدىلئەبەد تىرىكتۇر. ئاللاھ ھېچبىر مەخلۇقاتقا ۋە ھېچنەرسىگە موھتاج بولماستىن ئۆزىنى ئۆزى ساقلىغۇچى ۋە پۈتكۈل كائىناتنى، بارچە مەخلۇقاتنى ئۆزى يالغۇز ئىدارە قىلىپ ، كائىناتتىكىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ تۇرغۇچىدۇر. ئاللاھنى مۈگدەك باسمايدۇ، ئۇيقۇ تۇتمايدۇ. ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھ رۇخسەت قىلمىغۇچە (قىيامەت كۈنى) ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا (ئىنسانلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتقۇزۇپ) شاپائەت قىلالايدىغان كىم بار؟ ئاللاھ (ئىنسانلارنىڭ ۋە باشقا بارچە مەخلۇقاتلارنىڭ) كەلگۈسىدىكى ئەھۋالىنى ۋە ئۆتمۈشتىكى ئەھۋالىنى مۇكەممەل بىلىدۇ. ھېچكىم (ئاللاھنىڭ زاتى ۋە ئىسىم-سۈپەتلىرى توغرۇلۇق)  ئاللاھ (كىتابلىرى ۋە پەيغەمبەرلىرىنىڭ تىلى ئارقىلىق) ئۆزلىرىگە بىلدۈرگەندىن باشقا نەرسىنى بىلەلمەيدۇ (شۇنداقلا ھېچكىم باشقا ئىلىملەردىنمۇ ئاللاھ ئىرادە قىلغىنىدىن باشقىنى بىلەلمەيدۇ.) ئاللاھنىڭ (ئوخشىشى يوق، مەخلۇقاتنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان، تەسەۋۋۇر قىلىنمايدىغان، قانداقلىقىنى ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدىغان ئىككى پۇتى تۇرىدىغان) كۇرسى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى قورشاپ تۇرىدۇ. ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ساقلاپ تۇرۇش ئاللاھقا ئېغىر كەلمەيدۇ. ئاللاھ (زاتى ۋە سۈپىتى بىلەن ئۆزى ياراتقان ۋە پادىشاھلىقىنى ئۆزى يۈرگۈزۈۋاتقان پۈتكۈل كائىناتنىڭ ئۈستىدە بولۇپ، ھېچبىر مەخلۇقات ئاللاھنىڭ ئۈستىدە ئەمەستۇر، ئاللاھ  ئۆز زاتى بىلەن ئەرشنىڭ ئۈستىدىدۇر ۋە ھەممىدىن) ئۈستۈندۇر، (ئاللاھ تەڭداشسىزلىقنى ۋە بارچە بۈيۈك سۈپەتلەرنى ئۆزىدە بار قىلغۇچى زات بولۇپ، ئاللاھ ھەممىدىن چوڭدۇر، ئاللاھتىن چوڭ ھېچ نەرسە يوق، ئاللاھ ھەممىدىن) ئۇلۇغدۇر.﴾ (سۈرە بەقەرە، 255-ئايەت) 2:255

بۇ ھەدىس «ئايەتۇل كۇرسى» دەپ ئاتىلىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇبەي ئىبنى كەئب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن «ئاللاھنىڭ كىتابىدا قايسى ئايەت ئەڭ ئۇلۇغ؟» دەپ سورىغاندا، ئۇبەي ئايەتۇل كۇرسىنى ئوقۇغان. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ئىلىمىڭگە مۇبارەك بولسۇن، ئى ئەبۇ مۇنزىر» دەپ ئۇبەي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى تەستىقلىغان. (سەھىھ مۇسلىم 810)

[ئىككى ھەدىس]
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إِنَّ فِي الْجَنَّةِ مِائَةَ دَرَجَةٍ أَعَدَّهَا اللَّهُ لِلْمُجَاهِدِينَ فِي سَبِيلِ اللَّهِ، مَا بَيْنَ الدَّرَجَتَيْنِ كَمَا بَيْنَ السَّمَاءِ وَالأَرْضِ، فَإِذَا سَأَلْتُمُ اللَّهَ فَاسْأَلُوهُ الْفِرْدَوْسَ، فَإِنَّهُ أَوْسَطُ الْجَنَّةِ وَأَعْلَى الْجَنَّةِ، أُرَاهُ فَوْقَهُ عَرْشُ الرَّحْمَنِ، وَمِنْهُ تَفَجَّرُ أَنْهَارُ الْجَنَّةِ))«جەننەتتە يۈز دەرىجە بار بولۇپ، بۇ يۈز دەرىجە ئاللاھنىڭ دىنىنى ئالىي قىلىش غايىسىدە غەيرەت كۆرسەتكەن ئاللاھ يولىدىكى مۇجاھىدلار ئۈچۈن تەييارلانغاندۇر. جەننەتتىكى ھەر بىر دەرىجە ئارىسىدا ئاسمان بىلەن زېممىنىڭ ئارىسىدەك مۇساپە بار. ئاللاھتىن سورىغان چېغىڭلاردا فىردەۋس جەننىتىنى سوراڭلار. چۈنكى ئۇ جەننەتنىڭ ئەڭ ئېسىلى ۋە ئەڭ ئۈستىدىكىسىدۇر. فىردەۋس جەننىتىنىڭ ئۈستىدە ئاللاھ تائالانىڭ ئەرشى بار. جەننەتنىڭ دەريالىرى فىردەس جەننىتىدىن ئېقىپ چىقىدۇ.» (بۇخارى 7423)

ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((ما السموات السبع في الكرسي إلا كحلقة ملقاة بأرض فلاة و فضل العرش على الكرسي كفضل تلك الفلاة على تلك الحلقة))«يەتتە قات ئاسمان كۇرسىغا نىسبەتەن بىپايان چۆلدىكى بىر ئۈزۈكچىلىكلا چوڭلۇقتىدۇر. ئەرشنىڭ كۇرستىن چوڭلۇقى بولسا بىپايان چۆلنىڭ ئۇنىڭغا قويۇلغان ئۈزۈكتىن چوڭلۇقىغا ئوخشاشتۇر.» (ئىبنى ئەبى شەيبە-كىتابۇل ئەرش 58؛ بەيھەقى-ئەسما ۋەسسىفات 862؛ ئەلبانى «سىلسىلەتۇل ئەھادىس سەھىھە» (109) دا بۇ ھەدىسنى سەھىھ دەپ مۇنداق دېگەن: ئەرشنىڭ سۈپىتى توغرىسىدا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە تۇتاشقان بۇنىڭدىن باشقا سەھىھ ھەدىس يوقتۇر)

ئىمام ئىبنى ھەجەر سەھىھ بۇخارىنىڭ ئەڭ مۆتىۋەر شەرھى ھېسابلانغان «فەتھۇلبارى» ناملىق ئەسىرىدە، ئىمام بەيھەقىنىڭ «ئەسما ۋەسسىفات» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان: «تەپسر ئالىملىرى ئەرشنىڭ ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ياراتقان بىر جىسىم بولۇپ، ئاللاھنىڭ ئەرشنى پەرىشتىلەرنىڭ كۆتۈرۈپ تۇرۇشىغا بۇيرۇغانلىقىنى ۋە ئاللاھنى ئۇلۇغلاپ، ئەرشنىڭ ئەتراپىدا تاۋاپ قىلىش ئارقىلىق ئاللاھقا ئىبادەت قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا بىرلىككە كەلگەن.» (فەتھۇلبارى 14\497)


[ئۈچ ئەسەر]
*ئەسەر: ساھابىلەرنىڭ سۆز ۋە پېئىللىرىدۇر

ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: (ما بين السماء إلى الأرض مسيرة خمسمائة عام، ثم ما بين كل سماءين مسيرة خمسمائة عام، وغلظ كل سماء مسيرة خمسمائة عام، ثم ما بين السماء السابعة وبين الكرسي خمسمائة عام، وما بين الكرسي وبين الماء خمسمائة عام، والكرسي فوق الماء، والله تعالى فوق العرش، ولا يخفى عليه من أعمالكم شيء) «زېمىن بىلەن بىرىنچى قەۋەت ئاسماننىڭ ئارىسىدا بەش يۈز يىللىق مۇساپە بار. ھەر بىر ئاسماننىڭ ئارىسى بەش يۈز يىللىق مۇساپىدۇر. ھەر بىر ئاسماننىڭ ئېگىزلىكى بەش يۈز يىللىق مۇساپىدۇر. كۇرسى بىلەن يەتتىنچى قەۋەت ئاسماننىڭ ئارىلىقى بەش يۈز يىللىق مۇساپىدۇر. كۇرسى بىلەن سۇنىڭ ئارىلىقى بەش يۈز يىللىق مۇساپىدۇر. كۇرسى سۇنىڭ ئۈستىدۇر. ئاللاھ تائالا ئەرشنىڭ ئۈستىدىدۇر. سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن ھېچبىر ئىش ئاللاھ تائالاغا مەخپىي قالمايدۇ.» (دارىمى-جەھمىيەگە رەددىيە 55؛ ئىبنى خۇزەيمە-تەۋھىد-105؛ تەبرانى ئەلكەبىر 9\202؛ ئەبۇ شەيخ-العظمة 2\565؛ ئىبنى بەتتا-ئىبانە 3\171؛ لالىكائى-ئىتىقاد 3\395؛ ئىبنى ئابدىلبەر-تەمھىد 7\139؛ بەيھەقى-ئەسما ۋەسسىفات 507؛ زەھەبى-ئەلئۇلۇۋ 79؛ ئابدۇللاھ ئىبنى ئىمام ئەھمەد-سۈننەت؛ يۇقارقى ئالىملاردىن باشقا شەيخ ئەلبانىمۇ بۇ ئەسەرنى مۇختەسەر ئەلئۇلۇۋ -75-دە سەھىھ دېگەن) * ئەسكەرتىش: ئىنسانىيەت بايقاپ چىقالىغان ئەڭ يىراق ئاسمانمۇ بىرىنچى قەۋەت ئاسمان دائىرىسىدىدۇر. ئىنساننىڭ بىلىش دائىرىسى بىرىنچى قەۋەت ئاسماننىڭ نېرىسىغا چىقالمايدۇ.

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: ((وقال ابن عباس رضي الله عنه: الكرسي موضع القدمين ، والعرش لا يقدر أحد قدره)) «كۇرسى - (ئاللاھنىڭ تەڭدىشى، ئوخشىشى يوق مەخلۇقاتنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان ۋە ھېچنەرسىگە قىياس قىلىپ ئوخشىتىلمايدىغان) ئىككى پۇتىنىڭ ئورنىدۇر. ئەرشنىڭ چوڭلۇقىنى بىلىش مۇمكىن ئەمەس.» (ئىبنى خۇزەيمە-تەۋھىد 1\248، 154-نومۇر؛ ئىبنى ئەبى شەيبە-ئەلئەرش 61؛ ھاكىم-مۇستەدرەتك، 2\282؛ ھاكىم بۇ ھەدىسنى بۇخارى مۇسلىمنىڭ شەرتىگە ئۇيغۇن دېگەن؛ زەھەبى بۇنىڭغا قوشۇلغان؛ ئەلبانى مۇختەسەر ئەلئۇلۇۋدا سەھىھ دەپ باھالىغان؛ مۇھەددىس ئەھمەد شاكىر بۇ ھەدىسنىئۇمدەتۇتتەفسىر 2\163 دە دەلىل قىلغان)

ئەبۇ مۇسا ئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: ((الكرسي موضع القدمين، وله أطيطٌ كأطيطِ الرَّحْل))«كۇرسى (ئاللاھنىڭ ئوخشىشى يوق، تەڭدىشى يوق، مەخلۇقاتنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان ۋە ھېچنەرسىگە قىياس قىلىپ ئوخشىتىلمايدىغان) ئىككى پۇتىنىڭ ئورنىدۇر. ئۇ ئىگەرنىڭ غىچىرلىغىنىدەك غىچىرلايدۇ.» (ئىمام ئەھمەدنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھ سۈننەت ناملىق ئەسىرىدە نەقىل قىلغان؛ ئىبنى ئەبى شەيبە-ئەلئەرش 60؛ ئىبنى جەرىر، بەيھەقى ۋە باشقىلارمۇ نەقىل قىلغان؛ فەتھۇلبارى 8\47 دە سەھىھ دېيىلگەن؛ ئەلبانى مۇختەسەر ئەلئۇلۇۋدا سەھىھ دېگەن 123،124)

ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن مۇنداق دېگەن: «كۇرس ئەرش ئەمەس. ئەرش كۇرستىن تېخىمۇ بەك چوڭدۇر.» (ئەقىدەتۇل ۋاسىتىيە شەرھى، 158-بەت)


[بىر دۇئا]
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئېغىرچىلىق پەيتىدە مۇنۇ دۇئانى ئوقۇيتتى: ((لاَ إِلَهَ إِلاَّ اللَّهُ الْعَليمُ الْحَلِيمُ لاَ إِلَهَ إِلاَّ اللَّهُ رَبُّ الْعَرْشِ الْعَظِيمِ لاَ إِلَهَ إِلاَّ اللَّهُ رَبُّ السَّمَوَاتِ وَرَبُّ الأَرْضِ وَرَبُّ الْعَرْشِ الْكَرِيمِ))«ئاللاھتىن باشقا ئىبادەتكە ۋە قۇلچىلىققا لايىق ھېچبىر ئىلاھ يوقتۇر. ئاللاھ ھەممە نەرسىنى بىلگۈچى ۋە ئاسىيلارنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدىغان زاتتۇر. ئاللاھتىن باشقا ئىبادەتكە ۋە قۇلچىلىققا لايىق ھېچبىر ئىلاھ يوقتۇر. ئۇ بۈيۈك ئەرشنىڭ رەببىدۇر. ئاللاھتىن باشقا ئىبادەتكە ۋە قۇلچىلىققا لايىق ھېچبىر ئىلاھ يوقتۇر. ئاللاھ ئاسمانلارنىڭ رەببىدۇر، زېمىننىڭ رەببىدۇر ۋە ئۇلۇغ ئەرشنىڭ رەببىدۇر.» (سەھىھ بۇخارى -تەۋھىد-7426؛ مۇسلىم 2730)

مۇجەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى (mujtehid.blogspot.com) تەييارلىدى

  • ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا بىر ياخشىلىقىڭىزنىڭ كۆپۈيىشى، ئىمان، ئىسلامنىڭ ئۈستۈنلۈك قازىنىشى ئۈچۈن تارقىتىپ قويۇڭ.

Yorumlar